تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ ۋېيشۈەن خەۋىرى، فوتوسى): ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سۇ جانلىقلىرى بايلىقىنى ئاسراش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تەبىئىي سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 13دە، ئالتاي ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى ئالتاي شەھىرىدىكى تاڭبا كۆلى سۇ رايونىدا كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش بېلىقچىلىق بايلىقلىرىنىڭ تۈر توپى ۋە سانىنى تولۇقلاش، زىيادە كۆپ تۇتۇش ياكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ئىكەن. بۇ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تەبىئىي سۇ رايونىدىكى بېلىقلارنىڭ ئەسلىي تۈرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سۇ جانلىقلىرىنى ئاسراشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن.
شۇ كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى لىيۈ بېلىقى، ساۋيۈ بېلىقى، ليەنيۈ بېلىقى، يوڭيۈ بېلىقى، جىيۈ بېلىقى، بېيجيائېريالو بېلىقى قاتارلىق ئالتە خىل بېلىقتىن 220 مىڭنى قويۇپ بەردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئورنى ۋىلايەتتىكى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ تەبىئىي سۇ رايونى، سۇ ئامبىرى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە مۆلچەرلىنىشىچە، بېلىجانلارنىڭ ئومۇمىي قويۇپ بېرىلىش مىقدارى 1 مىليون 720 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
ئالتاي ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لۈ تاۋ مۇنداق دېدى: «كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئالتاينىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداش، بېلىقچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكېرت تەدبىر، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش، تەبىئىي سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. بىز بېلىقچىلىق بايلىقىنى كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىمىز، كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرىمىز».
«كېيىنكى قەدەمدە، بىز بېلىقچىلىق قانۇن ئىجرا سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ئېنىق، ئالاھىدىلىكى روشەن بېلىق بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بېلىقچىلىق تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.» دېدى لۈ تاۋ.