تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ

ئانار بۇلۇت خەۋىرى: سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۇدا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازىراق ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈپ، ھەر قايسى رايون ناھىيەلەردە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە ئۇدا دېگۈدەك تۆۋەن بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ئاۋۋالقى يىللاردىكىدىن تۆۋەن بولغاچقا، بەدەن سېزىمىدا سوغۇق تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، كۆپچىلىك ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇپ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

شامال

9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۆت بالدىن بەش بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، ئالتە بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

ھۆل-يېغىن

9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ، تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارلاش قارغا ياكى ئازراق قارغا ئۆزگىرىدۇ، تۆت بالدىن بەش بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، داۋانچېڭ رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەرب شامىلى چىقىدۇ.

تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر قايسى رايون ناھىيەلەردە تېمپېراتۇرا ℃7 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ھەر قايسى رايون ناھىيەلەردە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى ئۇدا داۋاملىشىدىكەن. شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېپمېراتۇرا ℃5تىن ℃7قىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃13تىن ℃15قىچە بولىدىكەن.

نەنسەن تاغلىق رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2- تىن ℃2قىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃5تىن ℃8قىچە بولىدىكەن.

داۋانچېڭ رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2- تىن ℃4قىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃12تىن ℃14قىچە بولىدىكەن.

كۆرۈنەرلىك تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئۇدا داۋاملىشىش ئەھۋالىغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق تەكلىپ بەردى:

1. مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تارقاق ھالەتتە ئازىراق ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈپ، ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردە تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، بەدەن سېزىمى سوغۇق ھېس قىلىپ، بۇ خىل ھاۋا رايى شارائىتى ئاسانلا نەپەس يولى، يۈرەك قان تومۇر قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن؛ 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردە بىرقەدەر تۆۋەن بولغان تېمپېراتۇرا ئۇدا كۆرۈلىدىكەن، كۆپچىلىك ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇش ۋە ساقلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

2. مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، نەنسەن تاغلىق رايونىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن يامغۇر ئارلاش قارغا ياكى ئازراق قارغا ئۆزگىرىدىكەن، 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە تۆۋەن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ℃2- ئەتراپىدا بولۇپ، قىراۋ ئۈششۈكى پەيدا بولىدىكەن، تۆللەرنى ئىسسىق تۇتۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

3. مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋانچېڭ رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تۇنجى قىراۋ ئۈششۈكى پەيدا بولۇپ، تېخى تۈگىمىگەن دېھقانچىلىق پائالىيىتىگە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن، مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

(مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېقىشلىق كۈز مەنزىرىسى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى