تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۈز-قىش پەسىللىك ساياھەت مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى گۇيجوۋنىڭ گۇيياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان دەل-دەرەخ ۋە دەريا ئېقىنلىرى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى: بۈك-باراقسان بوستانلىق، كۆپكۆك كۆل، ئەگرى-بۈگرى قارلىق تاغ، بىپايان چۆل، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق، قەدىمىي يىپەك يولى قاتارلىق مەنزىرىلەرنى شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئالتاي ۋىلايىتىدە تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ.

9-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۈز-قىش پەسىللىك ساياھەت مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا بۇ رايوننىڭ كۈز-قىش پەسىللىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرى لىنىيەسى، سىناق تۈرى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلۇپ، گۇيياڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى «A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى ھەقسىز ساياھەت قىلىش»قا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

بۇ قېتىمقى گۇيياڭ مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى 16 ساياھەت تەشۋىقات تونۇشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ساياھەت تونۇشتۇرۇش تۈرى ئىچىدىكى بىر بېكىتى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدە يەنە بوخەي دېڭىزى، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق سەككىز ساياھەتچى مەنبەسى بازىرىدىكى 32 شەھەرگە بىرقاتار تەشۋىقات تونۇشتۇرۇش پائالىتىنى قانات يايدۇردى.

شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۈز-قىش پەسىللىك ساياھەت مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى گۇيياڭ بېكىتى نەق مەيدانى.

شىنخۇا تورى تارقاتتى  سۈن شۆلۈن فوتوسى

گۇيياڭ بېكىتىدىكى تونۇشتۇرۇش نەق مەيدانىدا، ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونى شۇ جايدىكى خۇاڭگوشۇ ساياھەت گۇرۇھى، گۇيجوۋ تيەنيۆ ساياھەت گۇرۇھى قاتارلىق ئالتە ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تيەنيۆ چيەنيوۋ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى، گۇيجوۋ شىتۇڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى، گۇيجوۋ سىجى فېڭسەي خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى، گۇيجوۋ خۈيجىڭ تيەنشا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىگە ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئالتاي ۋىلايىتىدە 200دىن ئارتۇق يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەنبەسى بار بولۇپ، A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 39ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى قاناس مەنزىرە رايونى ئالتۇن كۈزدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بولۇپ، «رەڭ تەڭشەش تەخسىسى» دەپ ئاتالغان. ھازىر شۇ جايدا «جۇڭگو قار شەھىرى»، «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىش مەنبەسى»دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا بار، شۇنداقلا شىمالىي شىنجاڭدىكى «سۇ مۇنارى»، شىمالىي كەڭلىك 45-47 گىرادۇستىكى دۇنيا چاڭغا تېيىلىش ئالتۇن سىزىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قار سۈپىتى، قار مىقدارى، قار مەزگىلى، تېمپېراتۇرىسى، نەملىك دەرىجىسى، يانتۇلۇق دەرىجىسى قاتارلىق چاڭغا تېيىلىش شارائىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، كەلگۈسى قار-مۇز ساياھىتى، قار-مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بار رايونى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى