تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شىنجاڭ يەنجى ئويمانلىقىدىكى قىزىل لازىلار مەركەزلىك ئۈزۈپ قۇرۇتۇش مەزگىلىگە كىردى

  2020-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يۇڭنىڭ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار لازا قۇرۇتماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چۆ.خۇرە فوتوسى، خەۋىرى) كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلىشىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ يەنجى ئويمانلىقىدىكى 519 مىڭ 900 مو قىزىل لازا ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، مەركەزلىك ئۈزۈپ قۇرۇتۇش مەزگىلىگە كىردى، ئېتىزلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدىراش كۈزلۈك يىغىم مەنزىرىسى نامايان بولدى. شىنجاڭ يەنجى ئويمانلىقى ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، رەڭگى چىرايلىق، تەمى ياخشى، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، ئۆزگىچە مەززىلىك ئاچچىق تەمگە ئىگە قىزىل لازىلارنى «مەيدانغا كەلتۈرگەن»، بۇ قىزىل لازىلار لاپىزا، لازا قىيامى، تېتىتقۇ ياساشنىڭ ئەلا سورتلۇق خام ئەشياسى بولۇپ، مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلاردا بىر قەدەر يۇقىرى تونۇلۇش دەرىجىسىگە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى