تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىن شەكلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەشنى پۇرسەت بىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىشى كېرەك. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە تەجرىبە، ئۇسۇللاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشنى ھەم داۋاملىق تۈردە ئېھتىياجى بار دۆلەتلەرنى قوللاشنى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسى، بولۇپمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاچقۇچلۇق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش تاماملانغان ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىپ، ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى، لېكىن يىغىپ ئېيتقاندا، يەنىلا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ئۈلگە بولۇشى كېرەك. يەككە تەرەپچىللىك ۋە زومىگەرلىك بىلەن شۇغۇللانغانلار جەزمەن كىشىلەرنىڭ قەلب مايىللىقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئازايتىپ، يەر شارىۋى بايلىق ۋە كۈچنى ئىشقا سېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قەرزنى ئازايتىش - كېچىكتۈرۈش، ياردەمنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ۋاقتىدا ۋە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، باي - نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات جەزمەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ھەم ئۆزىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلقئارا مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، تىرىشىپ ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان يەر شارىدىن ئىبارەت يۇرت - ماكاننى ياخشى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «يېشىل يىپەك يولى»نى پائال بەرپا قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم يەنە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ماسلىشالماسلىق، ماس كەلمەسلىك مەسىلىسىنى زورايتىۋەتتى. ھەرقايسى تەرەپلەر قانداق قىلىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى، ئەكسىچە ئاغدۇرۇۋېتىپ قايتىدىن باشلىماسلىقى، باشقىچە يول تۇتماسلىقى كېرەك. دۇنيادا پەقەت بىرلا سىستېما بار، ئۇ دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىدۇر؛ پەقەت بىر يۈرۈشلا قائىدە بار، ئۇ دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىدۇر. جۇڭگو ئەزەلدىن ئىدېئولوگىيە جەھەتتە قارشىلاشمايدۇ، ئەزەلدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، ئەزەلدىن زومىگەر بولۇش، زومىگەرلىك قىلىشنى ئويلىمايدۇ. بىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنىمىز 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش. لېكىن، بىزمۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى، تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرمايمىز، قەتئىي تۈردە ئۆزىمىزنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايمىز، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى دۆلەتلەر ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەقدىرى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇشى كېرەك. دۆلەت، مىللەت، مەدەنىيەت، ئىدېئولوگىيە چەك - چېگراسىدىن ھالقىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزدا تايىنىدىغان يەر شارىدىن ئىبارەت يۇرت - ماكانىمىزنى بىرلىكتە ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر دۇنيا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق نۇرغۇن كىرىزىس ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، بۇ، كۆپ تەرەپچىللىككە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، خەلقئارا ھەمكارلىققا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، كۈچلۈك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. جۇڭگونىڭ ئىزچىل تۈردە كۆپ تەرەپچىللىكنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قەتئىي قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگونىڭ قوللىشى بولغاندىلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاندىن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلالايدۇ. جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم، زور تەشەببۇسلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن، جۇڭگونىڭ «يېشىل يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايمەن، جۇڭگونىڭ ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەن جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەم دۇنياغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا تامامەن قۇربى يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.