تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈرەش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە ئېرىشىش

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (10)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ

ھەيۋەتلىك تىيانشان، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تارىم دەرياسى. شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق تۇپرىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر، يېقىملىق مېلودىيەلەر، ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان دەقىقىلەر بار. جۇشقۇن، ئالغا ئىنتىلىدىغان، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭ سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى. ئالتە يىلدىن بۇيانقى ھەربىر مىنۇت خۇددى ئويۇش پىچىقىدەك شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقىنىڭ قىياپىتىنى شۇنچە چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە.

تاغ - دەريالارنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى، شىنجاڭ تەدرىجىي ئۆزگەرمەكتە. بۇ كاتتا يۆگىمە رەسىمدە شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما تولۇپ تاشقان قايناق ھېسسىيات بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلاندى. كۈرەش كۈچى تەرەپ - تەرەپتىن دېڭىزغا قۇيۇلۇپ، جۇش ئۇرۇپ ئۆركەشلەۋاتقان زور دەۋر دولقۇنى بولۇپ مۇجەسسەملەندى.

قەلبلەردە ئوت، كۆزلەردە نۇر. 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى مىننەتدارلىق ئىلكىدە نەتىجە ياراتماقتا، روھلۇق قىياپەتتە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. يېپيېڭى كەلگۈسىنى بىز يارىتىۋاتىمىز.

باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، بىزگە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچلۈك ئىشەنچ بېغىشلىدى

9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى دەريابويى يېزىسىنىڭ يېڭى ئاھالىلەر نۇقتىسىدىكى يېڭى ئۆيدە، بالىلارنىڭ ئويناۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئايزىخان ھاۋۇلنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى. «باش شۇجى شى جىنپىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى بولمىغان بولسا، نەدىمۇ بۇنداق بەختلىك تۇرمۇش بولسۇن!» دېدى ئايزىخان.

بۇلتۇر 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئايزىخاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 114 ئائىلىلىك يۇرتداش قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن كۆچۈپ چىقتى. بىرمەھەل «ئەڭ ئاخىرقى قۇملۇق قەبىلىسى» دەپ ئاتالغان دەريابويى يېزىسى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە كۆچۈشنى تاماملىدى.

«نامراتلارنى يۆلەش مەبلەغ سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق رايونلىرى، چېگرا رايونلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مايىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەش، ئائىلىلەرگىچە يۆلەش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىكى سۆزلىرى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگەن بۇ جايدىكى نامرات ئامما قوشام تاملىق ئۆي، قىرتاق، شورلۇق سۇ بىلەن خوشلىشىپ، بەختكە تولغان يېڭى يۇرت - ماكانغا كۆچۈپ كەلدى.

گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا بولسىمۇ، خەلق داھىيسى ھەر ۋاقىت بىپايان قۇملۇق چېتىدە ئولتۇراقلاشقان ھەر مىللەت ئاممىنى دائىم ئەسلەپ تۇردى!

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى.

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاش، رولنى باشقۇرۇپ، يۆنىلىشنى بېكىتىش −

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنى، سىياسىي بىيۇرو يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلىدى، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇ باش نىشانىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈش، سەمىمىي ھېسسىيات −

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى مىسلىسىز يۇقىرى، شىنجاڭنى قوللاش سالمىقى مىسلىسىز زور، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى مىسلىسىز چوڭقۇر بولدى. بىر قاتار ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا ياردەم بەردى.

بېلىق سۇنىڭ قەدرىنى بىلگەندەك، بەختنىڭ مەنبەسىنى بىلىش كېرەك. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاۋاتقان كىشىلەر دۆلەت قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چەكسىز روھلانماي تۇرالمايدۇ، شىنجاڭدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن شاد - خۇراملىققا چۆممەي تۇرالمايدۇ.

«باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!» − تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتى نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىكى يىڭنە ئىشىغا ماھىر جۈپ - جۈپ چېۋەر قوللاردا، مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەرگە تولغان مېۋىلىك باغلاردا، مول ھوسۇللۇق بىپايان تۇپراقتا، يەسلىدىكى بالىلارنىڭ سەبىي ئاۋازىدا، ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ قەلبىدە ئىپادىلەنمەكتە.

مەركەزداش چەمبەر سىزىش

− قەلبلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مۇجەسسەملەپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتىدىغان غەيرەت ۋە ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە بىلەن قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

ھەممە بىر نىيەتتە بولسا، غايەت زور كۈچ - قۇدرەت پەيدا بولىدۇ؛ ئەگەر ھەربىر ئادەمنىڭ ئوي - پىكرى ئوخشاش بولمىسا خۇددى قۇمدەك چېچىلىپ، ئادەم ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ رولى بولمايدۇ.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش «پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش»تەك ئىرادىگە موھتاج، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا موھتاج، تېخىمۇ مۇھىمى، بارلىق شىنجاڭلىقلارنىڭ كۈرەش بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، قەدەم بىلەن مۇساپىنى ئۆلچەپ، بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە موھتاج.

شىنجاڭ تۇپرىقىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە قايتا نەزەر سالساق، بۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىدىن ئايرىلالمايدۇ −

پامىر ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، تارىم دەرياسى بويىدىن ئالتاي تېغى باغرىغىچە، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى زور بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەر كەينى - كەينىدىن ئەمەلىيلىشىپ، زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرى چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن جەمئىي 83 مىليارد 811 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 9161 ى يولغا قويۇلدى، 8965 كادىر، ئىختىساسلىق خادىم تاللاپ ئەۋەتىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە «قالتىس» كۈچ قوشۇلدى.

شىنجاڭ تۇپرىقىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە قايتا نەزەر سالساق، بۇ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قول تۇتۇشۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدەك جانلىق ئەمەلىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ −

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، چېگرا رايوننى ئورتاق قوغدايدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، ئەۋزەللىكلەردە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، مەدەنىيەتلەر يۇغۇرۇلغان يېڭى مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا جانلىق گەۋدىلەندى.

شىنجاڭ تۇپرىقىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە قايتا نەزەر سالساق، بۇ، شىنجاڭلىقلارنىڭ تىز پۈكمەي، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ −

دىققەت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «بىرىكمە مۇشت» ياخشى ئېتىلىپ، ھەربىر ئادەم مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات كۆزلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پاسسىپ ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى؛ كۈچ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇجەسسەملىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا، بۆسۈپ ئۆتۈشكە، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىش روھىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملىنىپ، تۈركۈم - تۈركۈم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، جاپاغا چىداپ پۇختا ئىشلەپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ھەممە جايدا بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھ ۋە كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئىشەنچى ۋە جاسارىتى يەتكۈزۈلمەكتە.

جاسارەت بىلەن يەنىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش

− مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى كۈرەش قىلىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان بۇرچ بىلەن، مەردانە قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام راۋاجلاندى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق، دىنلار ئىناق، رايىش بولدى، چېگرا رايون مۇستەھكەم، تىنچ بولدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، تۈرلۈك ئىشلار ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى.

چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ئەجىرسىز قولغا كەلمەيدۇ، ئۇ «سىستېمىنىڭ ئاپتوماتىك يېڭىلىنىشى» ئەمەس، ئۇ سانسىزلىغان سان ئۆزگىرىشىنىڭ جۇغلىنىشىدىن ھاسىل بولغان سۈپەت ئۆزگىرىشىدۇر.

جاپالىق ئەجىر مېۋە بەرگەندە، ئىلگىرىكى ئارزۇ رېئاللىققا ئايلانغاندا، بىز ئىختىيارسىز ھالدا: قانداق كۈچ بىزنى بوران - چاپقۇنلارنى يېڭىشكە، خىرىسلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە يېتەكلىدى؟ قانداق روھ بىزنى قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشكە، مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا يېتەكلىدى؟ دەپ سورايمىز.

يۆنىلىش توغرا بولسا، يول يىراق ئەمەس.

نۇرغۇنلىغان جاپا - مۇشەققەتتە بىز يۆنىلىشتە چىڭ تۇردۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كومپاس، رول، ئۆلچىگۈچ بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ شارائىتتا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، پەقەت ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، يولى توغرا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.

كۈرەش قىلىش ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، ئۈمىد بېغىشلايدۇ. كۈرەش مۇساپىسىدە، ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى روھنى مەنبە قىلغان بولىدۇ؛ كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان ئۆزگىرىش كىشىلەر قەلبىدىن باشلىنىدۇ. بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شەخسنىڭ كەلگۈسى بىلەن دۆلەتنىڭ نىشانىنى ماس قەدەملىك قىلىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ھەربىر «كىچىك مەن» بىلەن «چوڭ ئومۇملۇق»نى ئوخشاش يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەك. ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدىكى كۆتۈرەڭگۈ قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇپ، «توك تولۇق قاچىلانغان» ھالەتنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، كۈرەش ھالىتىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

«ئۆتمۈشتىن بارلىققا كەلگەن ھازىر ئۇلۇغ كەلگۈسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە». يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى كۈرەش قىلىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىز قەدەم بىلەن، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق، دادىللىق بىلەن، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان بۇرچ ھېسسىياتى بىلەن كەلگۈسىگە قاراپ تېز سۈرئەتتە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەيلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.