تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرى خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانى.

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ توغرىسىدا بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك جەمئىيەت ئىشلىرىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بىز پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ھەل قىلغۇچ قەدەم قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، دەرسلىك قۇرۇلۇشىدا دۆلەتنىڭ ئىش ھوقۇقى ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، مائارىپ قىياپىتىدە ئەندىزە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر تەرەپ دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مائارىپ ۋە ئۆگىنىشكە قويغان يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە تارىخىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ خەلقئارا نەزەر دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئۈزلۈكسىز تۈردە مائارىپنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشتۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىغا لايىقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

مائارىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، مائارىپقا ئوخشاش ئىز باسارلار مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، ھەتتا ئۇنى بەلگىلىيەلەيدىغان، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، ھەتتا ئۇنى بەلگىلىيەلەيدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، ھەتتا ئۇنى بەلگىلىيەلەيدىغان باشقا ھېچقانداق بىر كەسىپ يوق. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىپ، مائارىپنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئۇيغۇنلاشقان مائارىپ قۇرۇلمىسى، پەن - كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى بىر ئاچقۇچلۇق مەسىلە. دۆلىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىشى، بولۇپمۇ ئۇل تەتقىقاتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەنبەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەۋقەنى دۆلەتنىڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشقا قويۇپ، رايون مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتا، لىنىيە، دائىرە بىرلەشكەن، شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىم رايونلار ماسلىشىدىغان مائارىپ تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، مائارىپ مۇلازىمىتى رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

مائارىپ گۈللەنسە، دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجى، ئىلىم - پەن بىلىملىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تەخىرسىز بولماقتا. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مائارىپنىڭ مۇھىم بۇرچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولساقلا، بىز چوقۇم مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايمىز، كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى