تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا بىر جۈپ قولىغا تايىنىش ___ شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ناھىيەلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيە چىرا يېزىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇخەلچەم ئەخمەتتوختى؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە بۇخەلچەم چىرا ناھىيە تيەنجىن سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا خىزمەت قىلماقتا(9-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان). بۇ كارخانا خادىم قوبۇل قىلغاندا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى ئالدىن قوبۇل قىلدى، بۇخەلچەم 2018-يىلى 9-ئايدا بۇ يەرگە كېلىپ ئىشقا چۈشتى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، تېخىمۇ كۆپ زاۋۇت، سېخلار نامرات رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ «ئىشىكى ئالدى»غىچە ئېچىلدى. ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە تايىنىپ، نۇرغۇن نامرات ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ياكى ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تاپتى. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق، نامرات ئاھالىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى، كىرىمى بار بولدى، روھىي قىياپىتىدىمۇ يۈكسىلىش بولدى.

  يېقىندا، مۇخبىر شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن بەش نامرات ناھىيەنى زىيارەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ئالدىراش ئەمگەكچىلەرنىڭ سىيماسىنى خاتىرىلىدى.

  (خۇ خۇخۇ فوتوسى)

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيە چىرا يېزىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى رىزۋانگۈل ئابلا؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە رىزۋانگۈل چىرا ناھىيەسىدىكى بىر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق شىركىتىنىڭ نەسىللىك توشقان باقمىچىلىق بازىسىدا توشقانلارغا يەم بەرمەكتە(9-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان). نۆۋەتتە، بۇ بازا 60 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالىدىن 36سى بار.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدىكى ئەنخۇي ياردەم بېرىپ قۇرغان قېلىپلاشقان ماتېرىيال شىركىتىنىڭ سۈپەت تەكشۈرگۈچىسى سۈبىنۇر مەخمۇت؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە سۈبىنۇر سېختا مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە(9-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان). 23 ياشلىق سۈبىنۇرنىڭ ئۆيى گۇما ناھىيە بازىرىدا بولۇپ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنى پۈتكۈزگەن، ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل 1-ئايدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيە ھاڭگىيا بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىسى قۇرباننىيازخان مەتتوختى؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە قۇرباننىيازخان بىر ئورۇندىكى نەسىللىك سۈت كالىسى كۆپەيتىش بازىسىنىڭ سۈت سېغىش زالىدا ئۈسكۈنىلەرنى سۈرتمەكتە(9-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان). بۇ بازا ھاڭگىيا بازىرى جېجيا يېڭى كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش ۋە ھاۋالىلىك باشقۇرۇپ پايدا تەقسىملەش ئارقىلىق، 3000دىن كۆپرەك نامرات ئائىلىنىڭ نەپكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتجان ئەمەرنىياز لوپ ناھىيە بېيجىڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى بىر بوغۇزلاش، پىششىقلاش زاۋۇتىدا؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە مەمەتجان(سولدىن 1-كىشى) خىزمەتداشلىرى بىلەن زاۋۇتتا ئەمدىلا توڭلىتىش ئىسكىلاتىدىن چىققان ئۆردەك گۆشىنى ئوراپ قاچىلىماقتا(9-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان). بىر يىللىق جاپالىق چېنىقىش ئارقىلىق، مەمەتجان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى پىشقان ئىشچىغا ئايلاندى. 

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى شەنبەبازار بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتئىمىن مەترېيىم؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە مەمەتئىمىن كېرىيە ناھىيەسىدىكى بىر بىيو-پەن تېخنىكا كارخانىسىدا سەبدەگۈلنى ئېچىتىشتىن ئىلگىرى تېخنىكىلىق بىرتەرەپ قىلماقتا(9-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان). مەمەتئىمىن ئۆزى ئۆستۈرگەن سەبدەگۈلىنى بۇ كارخانا تۆۋەن كاپالەت باھاسى بويىچە سېتىۋالدى، يىغىۋېلىش پەسلىدە، ئۇ يەنە كارخانىغا بېرىپ ئىشچى بولۇپ، بىر كۈندە 150 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالدى.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش شياۋكاڭ يېڭى رايونىنىڭ ئاھالىسى گۈلباھارخان ئوسمان؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە گۈلباھارخان ئۆزى تىجارەت قىلىۋاتقان تۈرلۈك ماللار دۇكىنىغا يېڭىدىن كىرگۈزگەن ماللارنى تىزماقتا(9-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان). گۈلباھارخان يېڭى تۇرالغۇغا كۆچكەندىن كېيىن، ئولتۇراق رايوندا ئاھالە كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىك ھەم ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىگە تايىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، 2018-يىلى 8-ئايدا دۇكان ئاچتى.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل ئابلېتىپ؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە ئارزۇگۈل قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر زەمبۇرۇغ كەسپى شىركىتىنىڭ زەمبۇرۇغلارنى خالتىغا قاچىلاش سېخىدا خىزمەت قىلماقتا(9-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان). 2019-يىلى 10-ئايدا، ئارزۇگۈل بۇ يەرگە كېلىپ ئىشقا چۈشتى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى جىنكېن چارۋىچىلىقى گۆش قويىنى كۆپەيتىش مەيدانىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمى قادىر قۇربان؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە قادىر(ئوڭدا) تارىم داشۆنىڭ پىراكتىكانتى لىن يۈگاڭ بىلەن بىللە قويغا ۋاكسېنا ئۇرماقتا(9-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان). قادىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن، بۇ يىل 6-ئايدا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ ئىشقا چۈشتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆزى كىچىكىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدا چوڭ بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى پىششىق بىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسپى ماس كەلگەچكە، خىزمەتكە تېزلا  ماسلىشىپ كېتىپتۇ.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىسى ئابدۇقادىر قۇتلۇق؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە ئابدۇقادىر كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىسىدىكى گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق رايونىدىكى ئىسكىلاتتا كەپتەر يېمىنى ئوراپ قاچىلىماقتا(9-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان). بۇ باقمىچىلىق رايونى نامرات ئائىلىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەتكە بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ باقمچىلىققا بولغان ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇردى.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرىدىكى كەنت ئاھالىسى نۇرئەخمەت ئەخمەتتوختى؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە نۇرئەخمەت ئەنخۇي ياردەم بېرىپ قۇرغان قېلىپلاشقان ماتېرىيال شىركىتىدە ئامباردىن چىققان مەھسۇلاتلارنى سانىماقتا(9-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان). نۇرئەخمەت گۇما ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، 2018-يىلى شىركەت كېلىپ ئىشقا چۈشكەن، ھازىر ئۇ 1-نومۇرلىق سېخ مال تارقىتىش بەنىنىڭ بەنجاڭى، ئايلىق مائاشى تەخمىنەن 4000 يۈەن.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسى توپائېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىمەمەت تۇردىنىياز؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە روزىمەمەت توپائېرىق كەنتى كالا باقمىچىلىق رايونىدا كالىلارغا يەم بەرمەكتە(9-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان). 2017-يىلىدىن باشلاپ، بۇ كەنت ئاز سوممىلىق قەرز سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، باقمىچىلىق كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك «كالا كەنتى» بەرپا قىلدى.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ كېرىيە ناھىيە جىنكېن چارۋىچىلىقى گۆش قويىنى كۆپەيتىش مەيدانى يەم تەقسىملەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشچىسى ئابدۇللا سەيپىدىن؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە ئابدۇللا ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ، ئۆزلۈكىدىن يەم چۈشۈرىدىغان قۇرۇلما ئارقىلىق قويلارغا يەم بەرمەكتە(9-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان). 22 ياشلىق ئابدۇللا 2019-يىلى 12-ئايدا بۇ يەرگە كېلىپ ئىشقا چۈشكەن. نۆۋەتتە، بۇ كۆپەيتىش مەيدانى 122 كىشىنى ئىشقا قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 90 كىشى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى يايما ئىگىسى مەتتوختى ئېزىز؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە مەتتوختى خوتەن كەچلىك بازىرىدا خېرىدارلارغا يۇلغۇن كاۋاپ پىشۇرماقتا(9-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان). خوتەن كەچلىك بازىرى نامرات ئاھالىلەرنى مەخسۇس تىجارەت قىلىش يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىدىن ھەم ئىجارە ھەققىنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللاندى. مەتتوختى ئائىلىسى بىر مەھەل كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنىدى، تىرىشىش ئارقىلىق، 2019-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازىرىدىكى كەنت ئاھالىسى ھەبىبە ئابدۇجېلىل، ئۇ لوپ ناھىيەسىدىكى بىر كەپتەرچىلىك كەسپى شىركىتى نەسىللىك كەپتەر يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ يەم-خەشەك تەقسىملەش خادىمى؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە ھەبىبە(سولدا) لوپ ناھىيە خېجيا يېڭى كەنتىگە جايلاشقان نەسللىك كەپتەر يېتىشتۈرۈش بازىسىدا كەپتەرلەرگە يەم بەرمەكتە(9-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان). بۇ بازا ئەتراپتىكى 70تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇمەريەم ئابدۇغاپپار، ئۇ شۇ جايدىكى بىر يېمەكلىك كارخانىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە بۇمەريەم(ئوڭدا) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا كاۋاپنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمگە توشقان-توشمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە(9-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان). 22 ياشلىق بۇمەريەم قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن، ئۇنىڭ ئائىلىسى 2019-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  جۈپلىمە سۈرەت: سول تەرەپتىكى سۈرەتتە شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش شياۋكاڭ يېڭى رايونىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇۋارىس مەتسىيىت؛ ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە ئابدۇۋارىس ئۆزى تىجارەت قىلىۋاتقان ناۋايخانىدا نان ياقماقتا(9-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان). 2018-يىلى 8-ئايدا، ئابدۇۋارىس بىر ئائىلە كىشىلىرى شياۋكاڭ يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كەلدى، ئۇ چىرا ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە كىرىپ ئاشپەزلىكنى ئۆگەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى