تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ھەسەن-ھۈسەن ئاستىدىكى كەنت

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى ئەشكىلىك كەنتىنىڭ مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان)

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە نۇرغۇن چارۋىچىلار ئەۋلادمۇئەۋلاد كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەنىدى، مۇقىم تۇرالغۇسى يوق، تۇرمۇشى نامرات ئىدى. شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مەركەزلىك چارۋا بېقىش، زامانىۋى باقمىچىلىق، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش... چارۋىچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى كەنتلەر گۈزەل تۈسكە كىردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى ئەشكىلىك كەنتى چېگىرىسىدىكى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا، چارۋىچى دوسان قايدار (ئوڭدا) ئوغلى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ چارۋا بېقىپ بەرمەكتە.

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى ئەشكىلىك كەنتى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىچى دوسان قايدارنىڭ كىگىز ئۆيى، يىراق تاغ ئېتىكىدىكى كەنت بولسا چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى (7-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى ئەشكىلىك كەنتى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا، بىر چارۋىچى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ چارۋا بېقىپ بەرمەكتە (7-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى ئەشكىلىك كەنتى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا، چارۋىچى دوسان قايدار (ئوڭدا) ئايالى بىلەن بىللە (7-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى ئەشكىلىك كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى (6-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان).
بالىلار شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى ئەشكىلىك كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسىدا ئوينىماقتا (6-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان).

كەنت ئاھالىلىرى شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى ئەشكىلىك كەنتىدىكى كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا توقۇلما بۇيۇملارنى كەشتىلىمەكتە (7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى ئەشكىلىك كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، خەلقنى بېيىتىش بازىرىدا، نامرات ئاھالە ئاقباي بىقوجا تاماق ئەتمەكتە (6-ئاينىڭ 29–كۈنى تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى