تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزىي ھەمدە قىسمەن قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلدى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ): 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي، ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ساياھەتچىلەر تېلېفوندا ئالدىن كېلىشىپ، مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ، ھەر كۈنى ھەر بىر خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار 100 ئادەم بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئەتىگەن، چۈش، كەچتە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ كىرسە بولىدۇ.

  شۇ كۈنى سائەت 11:00دە، پاكىز، دېزىنفېكسىيەلىنىپ مىكروب ئۆلتۈرۈلگەن شەھەرلىك مۇزېي پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى، تۇنجى تۈركۈمدە مۇزېيغا كەلگەن ساياھەتچىلەر تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، ئۇچۇر تىزىملاش قاتارلىق ھالقىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆزئارا 1.5 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، مۇزېيغا تەرتىپلىك كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شەھەرلىك مۇزېينىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش باش تېمىسىدىكى تەربىيە كۆرگەزمىسى 2017-يىلى ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئۇنى 500 مىڭ ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كۆرگەزمە زالى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى زال، «كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىش . يۇغۇرما شەھەر» زالى، «جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش · كۈرەشچان شەھەر» زالى، «ئىناق بىللە ياشاش، ئەڭ ياخشى شەھەر» زالى، «مېھىر-مۇھەببەتنى يۇغۇرۇپ كۈچنى مۇجەسسەملەش · ئىتتىپاق شەھەر» زالى تەرتىپ بويىچە ئېچىۋېتىلىپ، مەركىزىي شەھەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شەھەرلىك مۇزېي، ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلگەن، خاتىرە سارىيىغا كىرگەن ساياھەتچىلەر ماسكا تاقاپ، توپلىشىۋالماي، ئولىشىۋالماي، تەرتىپلىك ئېكسكۇرسىيە قىلىشى كېرەك ئىكەن.

  ھەر قايسى مەيدان-سارايلارنىڭ ئالدىن كېلىشىش تېلېفونى: شەھەرلىك مۇزېي 6191171؛ ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى 2824628؛ جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى 8881439.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېقىشلىق كۈز مەنزىرىسى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى