9-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار 2020-يىللىق چىڭداۋ خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسىدە، سۇ ئاستىدا ماي يوللاش تۇرۇبىسىنى چارلاش-تەكشۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە رىقابەت ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان 2020-يىللىق چىڭداۋ خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى جىمو رايونىغا جايلاشقان چىڭداۋ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلىنىپ، 500دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە ئورنى، ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمە كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، دېڭىز-ئوكيانغا ئالاقىدار پەن تەتقىقات يۇرتى، مەكتەپلەر، دېڭىز-ئوكيان تەكشۈرۈش تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى، دېڭىز-ئوكيان ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى، دېڭىز-ئوكيان چارۋىچىلىق مەيدانى ھەم باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى، دېڭىز-ئوكيان بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى، دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسى ماي-گازدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى، دېڭىز-ئوكيان ھەممىباب تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى قاتارلىق سەككىز چوڭ كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، دېڭىز-ئوكيان تېخنىكىسىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىنغان.(لياڭ شياۋپېڭ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر 2020-يىللىق چىڭداۋ خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسىدە، چىڭداۋ دېڭىز-ئوكيان ئىلمى ۋە تېخنىكىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە دۆلەت تەجرىبخانىسى تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئۆزى مۇستەقىل سۇ ئاستىغا چۈشەلەيدىغان يۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر 2020-يىللىق چىڭداۋ خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسىدە، غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى چىڭداۋ تەتقىقات يۇرتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان پەن-مائارىپ نۇسخىسىدىكى سۇ ئاستى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر 2020-يىللىق چىڭداۋ خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسىدە، ماشىنا بېلىق شارچىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر 2020-يىللىق چىڭداۋ خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسى كۆرگەزمىسىدە، چىڭداۋ ئەيسىكې سەيلە كېمىسى ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمىگە قويغان رېزىنكە كېمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.