تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شى جۈنلەن: خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قەدىمىي كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش

داۋاڭمياۋ كەنتىدىكى خاس مىللي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى بولغان چاسا قورۇنىڭ يۇقىرىدىن تارتىلغان سۈرىتى.

خەلق تورى خەۋىرى: داۋاڭمياۋ كەنتى خېنەن ئۆلكىسى لۇەنچۈەن ناھىيەسى تەنتوۋ بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بازار رايونىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 11.5 كىۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1800 مو كېلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىشى بېشىغا 0.86 مودىن توغرا كېلىدۇ، ئورمان كۆلىمى 500 مو كېلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىشى بېشىغا 0.24 مودىن توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن كەنتكە قاراشلىق سەككىز ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، جەمئىي 572 ئائىلىلىك، 2082 نوپۇس بار.

جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن لۇەنچۈەن ناھىيەسى تەنتوۋ بازىرى داۋاڭمياۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى شى جۈنلەن بۇ يەرگە كېلىپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە پايدا يارىتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىدە كىچىك ئىش بولمايدۇ، دېگەن ئاساسىي مەقسەتنى باشتىن-ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئائىلىلەرگىچە زىيارەتتە بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋال ئىگىلەپ، غەم-ئەندىشىلەرنى تۈگىتىپ، قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىپ-يۆلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىش-يۆلەشكە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق كىرىم يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

«بىرىنچى قول» ماتېرىيالنى ئىگىلەش ئۈچۈن، شى جۈنلەن ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجى ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئېنىقلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويمىدى؛ يېزا-كەنتلەرنىڭ خاس كەسپىنى پائال پىلانلاپ، خادىملارنى باشقا ناھىيەلەرگە بېرىپ ئېشەك بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، 53 نامرات ئاھالىنى ئېشەك باقمىچىلىق تۈرىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، جەمئىي 265 مىڭ يۈەن كىرىم ئاشۇردى؛ داۋاڭمياۋ كەنتىنى دۆلەت دەرىجىلىك قەدىمىي كەنت قىلىپ ئېچىش ۋە قوغداشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، خاس مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى بولغان چاسا قورۇدىن ئۈچنى ۋە تەربىيەلەش، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، دۆلەت ئىلمى تەربىيەسى مەركەزلەشتۈرۈلۈپ بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى تەتقىقات-ئۆگىنىش بازىسى قۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن 57 ئائىلىلىك 187 كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسەتتى، ئۇلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. (ۋاڭ ۋېي فوتوسى)

شى جۈنلەن داۋاڭمياۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە دادۇرنىڭ تېرىقچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

شى جۈنلەن داۋاڭمياۋ كەنتىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئۆيىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا.

تۆمۈريولنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان داۋاڭمياۋ 1939 تەتقىقات-ئۆگىنىش بازىسىدا، شى جۈنلەن تەتقىقات-ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا داۋاڭمياۋ كەنتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.

شى جۈنلەن ئېشەك باقمىچىلىق مەيدانىدىكى خىزمەتچىلەردىن باقمىچىلىق ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

شى جۈنلەن يەرلىكتىكى دېھقانلاردىن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىش، سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى