تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپلىرىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى

ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى كازىۋەن ئىش بېجىرىش رايونىنىڭ كەسپ زالىدا، خىزمەتچىلەر بىلەن ئىش بېجىرگۈچى ئامما بىر مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ كەسپ بېجىرمەكتە.(پېڭ فاڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى(مۇخبىر پېڭ فاڭ): ئاياغ چەمىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، قولنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، كىشىلەرنىڭ توپلىشىۋالماسلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك  ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسىپلىرىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى.

  9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 11:00دە، شەھەر ئاھالىسى ليۇ خانىم ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى كازىۋەن ئىش بېجىرىش رايونىغا بېرىپ، ئاپتوموبىل كەسپىنى بېجىردى. كۈتۈش جەريانىدا، ئۇ خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باشقا ئىش بېجىرگۈچى ئامما بىلەن ئارىلىق قالدۇرۇپ ئولتۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ساقچىسى جاڭ دەن مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىمىز كۆزىتىش-ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تورىنى زىچلاشتۇردى. ھازىر، كازىۋەن ئىش بېجىرىش رايونى، ئۇلانباي ئىش بېجىرىش رايونى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك سەككىز ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى «ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئىش بېجىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش لايىھەسى» بويىچە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.

  ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرگەندە، چوقۇم ماسكا تاقىۋېلىش، تور ئارقىلىق بېجىرگىلى بولىدىغان كەسىپلەرنى ئىمكانقەدەر توردا بېجىرىش، كۆزنەككە بېرىپ بېجىرگەندە، خىزمەتچىلەرگە ماسلىشىپ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى