تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېنىق سىگنال بەردى: تەنتەربىيە تاپشۇرۇقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا

   شىنخۇا تورى، چېڭدۇ، 9-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى: «تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئاغرىپ قالدى» دېگەنگە ئوخشاش تەنتەربىيە دەرسىنى ئىگىلىۋېلىش ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەرتىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېنىق سىگنال بەردى: تەنتەربىيە دەرسى مۇھىم بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىدە يەنە چوقۇم تاپشۇرۇق بېرىلىشى كېرەك.

سۈرەتتە، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە-سەھىيە ۋە سەنئەت مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭ. (سۈرەت مەنبەسى: سىندىن كېسىۋېلىنغان)

   مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە-سەھىيە ۋە سەنئەت مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، «تەنتەربىيە دەرسى ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى دەرسلىرىگە ئوخشايدۇ، تەنتەربىيە دەرسىدە ساغلاملىق بىلىملىرى، ئاساسىي ھەرىكەت ماھارىتى، مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى ماھارىتى ئۆگىتىلىدۇ، مەشىق ئېلىپ بېرىلمىسا ئىگىلىگىلى بولمايدۇ.» مەدەنىيەت دەرسى تاپشۇرۇقلىرىنى ئازايتىپ، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ تاپشۇرۇقىنى قوشۇش كېرەك.

   ۋاڭ دېڭفېڭ كېيىنكى قەدەملىك مەكتەپ تەنتەربىيە مائارىپى ئىسلاھاتى تەدبىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ئوقۇتۇش جەھەتتە، تەنتەربىيە دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارغا ساغلاملىق بىلىملىرى، ئاساسىي ھەرىكەت ماھارىتى ۋە مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى ماھارىتىنى ئۆگىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرسلىك ئۆلچىمى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش جەھەتتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقا باشلىدى.

   ۋاڭ دېڭفېڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەكتەپ تەنتەربىيەسىدە بارلىق خادىملار قاتنىشىدىغان تەنتەربىيە مۇسابىقىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا  قارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەكتەپ تەنتەربىيەسى ئادەم تەربىيەلەش رولىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، مۇسابىقە تەشكىللىمىسە ئۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ئىلگىرى، مەكتەپ تەنتەربىيەسىدە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش تەكىتلەنمەيتتى، نەتىجىدە، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ھەرىكەت ماھارىتىنى ئۆگىتىشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق، بەلكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مۇسابىقە پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىشى، دەپ قارالغان. «يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش جەھەتتە، بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، مۇشۇنداق بىر تۈرلۈك ئىسلاھاتنى تېزدىن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز.»

   گۇاڭجوۋ شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋاراتاغا توپ تېپىشنى مەشىق قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دېڭ خۇا فوتوسى

   ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆرلەپ ئوقۇش بېسىمى تۈپەيلى، مەدەنىيەت مائارىپى تەكىتلىنىپ، تەنتەربىيە مائارىپىغا سەل قارايدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئومۇملىشىپ كەتكەنىدى. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ تارقاتقان «تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» ھۆججىتى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. تەنتەربىيە دەرسىدە چوقۇم تاپشۇرۇق بېرىلىشى كېرەك، بۇ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ «جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، مەنىۋى جەھەتتىن مەدەنىي» بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى