تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىي فۇ مىڭشيا: تۇرمۇش تىنچ بولۇشقا موھتاج بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىشقا موھتاج

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار سۈن فاڭتىڭ، ئايشەمگۈل ئابلا): 40 ياشلىق فۇ مىڭشيا ئەسلى چېڭدۇغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، يۇقۇم مەزگىلىدە، دوختۇرلۇقتا ئوقۇغان ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، مەھەللىنىڭ پىدائىيلار ئەترىتىگە تىزىملىتىپ، ھەر كۈنى ئاھالىلەرگە كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، ئالاھىدە ئاھالىلەرگە پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنى ھەر خىل تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش... قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. فۇ مىڭشيا مەسئۇل بولغان دەنيۈەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تەرتىپلىك باشقۇرۇپ، شۇ بىنانىڭ «چوڭ ئائىلە باشقۇرغۇچىسى»غا ئايلاندى. ھەر كۈنى قىلىۋاتقىنى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بولسىمۇ، بىراق فۇ مىڭشيا كۈنلىرىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى، ئۇ ئاھالىلەر قولىدا يازغان تەشەككۇر خەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۆزى چىن قەلبىدىن ئىنتىلگەن نەرسىنى تاپقاندەك ھېس قىلاتتى.

  فۇ مىڭشيانىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئۇ چېڭدۇغا بېرىش پىلانىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، داۋاملىق شىنجاڭدا قېلىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ، «بۇ قېتىمقى يۇقۇم ماڭا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان كەسپىمنى تېپىپ بەردى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى خەلق ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.»

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى