تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 2000دىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇس «ياسىنىپ» «دۆلەت بايرىمى»نى كۈتۈۋالدى

سۈرەتتە، چىرايلىق بېزەلگەن «دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان ئاپتوبۇس»تا، شوپۇر ۋاڭ فۇشېڭ بىلەن خىزمەتداشلىرى يولغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن خۇي فوتوسى، خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى تىجارەت 4-بۆلۈمى بىخەتەر توشۇش مۇئاۋىن دىرېكتورى چېن گولۇڭ ئوتقاشتەك قىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى 905-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى ۋاڭ فۇشېڭنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ، «دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان ئاپتوبۇس»نى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ياخشى بايرام كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى 2000دىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى «ياساندۇرۇپ»، «دۆلەت بايرىمى»، «جۇڭچيۇ بايرىمى»نى خۇشال-خورام كۈتۈۋالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 31 ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئىچىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان، شۇنداقلا «دۆلەت بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش»، «ۋەتەن، بىز سېنى سۆيىمىز»، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ۋەتەننى سۆيۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» قاتارلىق باش تېمىلىق تەشۋىقات رەسىملىرى ۋە قەغەز قىيمىلار، بايرام مەزگىلىدە كوچىلاردا بىر ھەرىكەتچان مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

سۈرەتتە، يولۇچىلار چىرايلىق بېزەلگەن «دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان ئاپتوبۇس» ئىچىدە ئولتۇرۇپ، ھاياجاندىن سۈرەتكە چۈشمەكچى بولۇشتى.

يولۇچى شۆ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: «گەرچە دۆلەت بايرىمى تېخى يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇق».

«مەن باشقا جايدىن قىزىمنى ئوقۇيدىغان داشۆسىگە ئەكىلىپ قويۇش ئۈچۈن كەلدىم، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، دۆلەت بايرىمىلىق بايرام كەيپىياتىنى ئالدىن ھېس قىلدىم، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان بەخت تىلەش بىر يېڭىلىق ئىكەن!» دېدى يولۇچى لى تىرۇڭ خۇشال ھالدا.

تىجارەت 4-بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى خۇي چۈەنليەن مۇنداق دېدى: «بايرام مەزگىلىدە ئاممىۋى قاتناش خاس مۇلازىمىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەلا مۇلازىمەت ۋە ياخشى بولغان ئاپتوبۇس مۇھىتى ئارقىلىق ئاممىۋى قاتناش كۆزنىكىنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتوبۇس قىياپىتىنى تەرتىپكە سېلىش، تۈزەشنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىدىن باشلاپ ئىشلەپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ قىياپىتى، تېخنىكىلىق جابدۇقلار، ئاپتوبۇس تازىلىقى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتا بىرتۇتاش ‹سالامەتلىك تەكشۈرۈش› ئېلىپ باردۇق».

ئىگىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى 2000دىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى تاختىسى، بەل تاختىسى، ئارقا تاختىسىغا قارىتا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بارغان. كۈندىلىك تىجارەت داۋامىدا، ھەرقايسى تىجارەت بۆلۈملىرى ھەر كۈنى ئاپتوموبىللارغا قارىتا «تەكرار دېزىنفېكسىيەلەش»، «ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەش»، «تەكرار تەكشۈرۈش» قاتارلىق دائىملىق تۈرلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن سىرت، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوبۇس ئىچى-سىرتىدىكى ئاپتوموبىل بەلگىسى، ئاپتوموبىل ئىچى-سىرتىدىكى ئەسلىھەلەر، ئاپتوموبىل گەۋدىسىدىكى ئېلانلار قاتارلىق تازىلىق ئۆلۈك بۇلۇڭى قاتارلىق، جەمئىي 41 تۈرگە قارىتا ئۇنىۋېرسال چوڭ تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىلغان.

«‹دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان ئاپتوبۇس› بولۇپ تاللىنىپ دۆلەت بايرىمىلىق كۆرگەزمىگە قاتناشتىم، شوپۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم، مەن ھەربىر نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنى ياخشى ھەيدەپ، ھەربىر يولۇچىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ تىنچ-ئامان، قولايلىق يول يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەنگە سوۋغا تەقدىم قىلىمەن» دېدى، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولغان 905-يول شوپۇرى ۋاڭ فۇشېڭ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ليۇ جىيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھ شىركىتى ھەر دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە ئورگان ئارقا سەپ خىزمەتچى خادىملىرىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ، ئاپتوبۇس قىياپىتى، تىجارەت-تىرانسپورت تەرتىپى، بىخەتەر يۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بايرامدا سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن ئىناق ئاممىۋى قاتناش مۇھىتى يارىتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى