تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋېي زىيۈن، ئولار، خالىش فوتوسى، خەۋىرى) ئېدېك قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمىنى قابا ناھىيەسى سار بۇلاق بازىرى يالىڭاچ كەنتىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېدېك دېگەن جايغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىكى قۇملۇقتا ئۆسكەن ياۋروپا تاغ تېرىكىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 173 گېكتار كېلىدۇ، ھەر يىلى كۈز كەلگەندە دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قىزىل يوپۇرماق بىلەن تولىدۇ، كۈز شامىلى چىققاندا، دەرەخ يوپۇرماقلىرى لەپىلدەپ، كۆيۈۋاتقان كۈچلۈك يالقۇندەك پۈتكۈل قۇملۇق قىزىل رەڭ بىلەن قاپلىنىدۇ. يىراقتىكى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قارلىق تاغ، يېقىندىكى قۇم بارخانلىرى، ياۋروپا تاغ تېرىكى، قىزىل يوپۇرماق، ياپيېشىل ئارچا گۈزەل بىر پارچە مۇكەممەل رەسىمنى ھاسىل قىلىدۇ.