تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

16 سېكۇنت! ئۈرۈمچىدىكى ۋەيمەي توشۇغۇچى ما مىڭ بىر ئالاھىدە ئىش قىلدى!

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر سۈن فاڭتىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ دوڭلياڭ): سەككىز مېتىر، بەش مېتىر، ئۈچ مېتىر... 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 15:11دە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى ۋەنخې كوچىسى تۆت كوچا ئېغىزىدا، بىر قىزىل رەڭلىك ئاپتوموبىل ئاستا-ئاستا ئارقىغا «قايتىپ»، باشقا ئاپتوموبىللارغا سوقۇلۇپ كېتەيلا دېدى، ئەمما ئاپتوموبىلدا ئادەم يوق ئىدى، ئەگەر سىز شۇ يەردە بولسىڭىز، بۇ چاغدا قانداق قىلاتتىڭىز؟

  21 ياشلىق ۋەيمەي توشۇغۇچى ما مىڭ بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىككىلەنمەيلا ئېتىلىپ بېرىپ، چەبدەسلىك بىلەن ئاپتوموبىلغا چىققاندىن كېيىن، تورمۇزنى دەسسەپ ئاپتوموبىلنى مۇقىم توختاتتى، ئاندىن قول تورمۇزنى تارتىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر قېتىملىق ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىسقىغىنە 16 سېكۇنت ئىچىدە يۈزبەردى.

ئاپتوموبىلغا ئېتىلىپ كەلگەن مامىڭ

  9-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 22:00دە، مۇخبىر بۇ ئىشنى سورىغاندا، ما مىڭ سەل خىجىل بولدى. «بۇ چوڭ ئىش ئەمەس، مەن پەقەت قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشنى قىلدىم.» ما مىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا مەن توكسىكلىتتا تاماق توشۇۋاتاتتىم. ۋەنخې كوچىسى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، بىر قىزىل رەڭلىك ئاپتوموبىلنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىنىڭ مەركىزىگە كەينىچە مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەجەبلىنىپ قايتا تەپسىلىي قارسام، ئاپتوموبىلدا ئادەم يوقكەن».

  ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدە ئادەم يوقلۇقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ما مىڭنىڭ يۈرىكى «جىغغىدە» قىلدى، ئەگەر ئاپتوموبىل شۇ بويىچە مېڭىۋەرسە، بىخەتەرلىك ھادىسىسى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار ئىدى، ئۇ دەرھال توكسىكلىتنى بۇراپ ئارقىغا ياندى، «مەن توكسىكلىتنى يول بويىغا توختىتىپ قويۇپ، دەرھال ئاپتوموبىلنىڭ قېشىغا باردىم ھەم ئىشىكىنى ئېچىپ، چاققانلىق بىلەن تورمۇزنى دەسسەپ، قول تورمۇزنى تارتتىم، ئەينى چاغدا ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا تەرەپتىكى ئاپتوموبىللار بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى مېتىر ئەتراپىدا ئىدى».

  شەھەر ئاھالىسى ليۇ جيەنرۇڭ بۇ كۆرۈنۈشنى يان تېلېفونىدا سۈرەتكە تارتىۋالدى. «مەن شۇ چاغدا ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە يېنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يان تېلېفونۇمدا سۈرەتكە تارتىۋالماقچى بولدۇم، ئويلىمىغان يەردىن ۋەيمەي توشۇغۇچىنىڭ چاققانلىق بىلەن ئاپتوموبىلنى توختىتىۋالغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم، ئەينى چاغدا ھەممە ئىش بەك تېز يۈز بەردى، ۋەيمەي توشۇغۇچىنىڭ شۇنچە تېز ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئويلىماپتىكەنمەن، ئۇنى ديەنزەن قىلىمەن!»

تاماق توشۇشقا تەييارلانغان ما مىڭ

  «مەن ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندىن كېيىن، بىر ئەرنىڭ ئالاقزەدە بولغان ھالدا ئاپتوموبىلنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆردۈم، ئاپتوموبىل ئىگىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ كېتىپ قالدىم» دېدى ما مىڭ.

  ما مىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تورداشلار ديەنزەن قىلدى، تورداش @ شياۋ شياۋ مۇنداق دېدى: «تاماق توشۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى مۇنەۋۋەر، ھەممىنى قىلالايدىغان نامسىز قەھرىماندەك ھېس قىلىمەن». 

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى