تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تەتۈر ياغ كىسلاتاسى دېگەن نېمە؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «تەتۈر ياغ كىسلاتاسى» دېگەن سۆز تۇرمۇشىمىزدا بارغانسېرى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. نۇرغۇن ئېسىل يېمەكلىكلەر مەسىلەن: چۈرۈك پېچىنە، بولكا، دەنخۇاڭپەي، ياڭيۇ قەلەمچىسى، ياڭيۇ ياپراقچىسى تەركىبىدە تەتۈر ياغ كىسلاتاسى بولىدۇ، ئۇنداقتا تەتۈر ياغ كىسلاتاسى دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز؟ بېيجىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تەتۈر ياغ كىسلاتاسىنى قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئەسكەرتتى.

1. تەتۈر ياغ كىسلاتاسى دېگەن نېمە؟

ئادەتتە بىز دائىم دەيدىغان ياغ كىسلاتاسى گلىتسېرىد شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ياغ كىسلاتاسى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. خىمىيەلىك قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، تەبىئىي تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئاساسلىقى ئوڭ شەكىللىك قۇرۇلما بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئوڭ شەكىلدىن تەتۈر شەكىلگە ئۆزگىرىدۇ. ئوڭ شەكىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەتۈر شەكىللىك ياغ كىسلاتاسىنىڭ خۇسۇسىيىتى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىغا يېقىنلىشىدۇ، لېكىن ئېرىش نۇقتىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، تېرمودىنامىكىلىق تۇراقلىقى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، پىشۇرۇلغاندا يېمەكلىكنىڭ چۈرۈك تەمىنى ئاشۇرۇپ، يېمەكلىكنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاشقا پايدىلىق.

2. قايسى ئىبارىلەر تەتۈر ياغ كىسلاتاسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ؟

دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك مېيى ياغ كىسلاتاسى ئوڭ شەكىللىك ياغ كىسلاتاسىغا تەۋە. قىسمەن ھىدروگېنلاشقان ئۆسۈملۈك مېيى تەتۈر شەكىللىك ياغ كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن: ھىدروگېنلاشقان ياغ، سۈنئىي سېرىق ماي، سېرىق ماينىڭ تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا تەتۈر شەكىللىك ياغ كىسلاتاسى بولىدۇ. دۆلىتىمىز ئاھالىلىرى تەتۈر شەكىللىك ياغ كىسلاتاسىنى ئاساسلىقى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىدۇ، مەسىلەن: سۈنئىي سېرىق مايلىق تورتلار، ئۆسۈملۈك مېيى بار ئەتكەن چاي قاتارلىقلار.

3. تەتۈر ياغ كىسلاتاسى سالامەتلىككە پايدىسىز!

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تەتۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سۈت بېزى راكى ۋە بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىق راك كېسەللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

مەسىلەن: قوبۇل قىلىنىش مەنبەسى ھىدروگېنلاشقان ئۆسۈملۈك مېيىدىن كەلگەن تەتۈر ياغ كىسلاتاسى تاجسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %16 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تەتۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يىلدا دۇنيا بويىچە 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەتۈر ياغ كىسلاتاسى بالا ھەمراھى ئارقىلىق سۈتكە كىرىپ، ياغ كىسلاتاسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن، بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

4. تەتۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى قانداق چەكلەش كېرەك؟

تەتۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوشۇلۇشى يېمەكلىكلەرنىڭ چۈرۈكلۈكىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ، يېمەكلىكنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاشقا پايدىلىق، قاقلانغان، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر مەسىلەن: چۈرۈك پىرەنىك، بولكا، دەنخۇاڭپەي، ياڭيۇ قەلەمچىسى، ياڭيۇ ياپراقچىسى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە تەتۈر ياغ كىسلاتاسى بولىدۇ. شۇڭا يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا، يېمەكلىك ماتېرىيال سەپلەش جەدىۋىلى، ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدىۋىلىنى تەپسىلىي ئوقۇش ئارقىلىق، ئىمكانقەدەر تەتۈر ياغ كىسلاتاسى تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى تاللاشتىن ساقىلىنىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق تەتۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. كۈندىلىك قىسمەن نامۇۋاپىق تاماق ئېتىش ئادىتى تەتۈر ياغ كىسلاتاسىنى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن: يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ئۇزاق ۋاقىت قىزىتىش، قايتا-قايتا ياغدا پىشۇرۇش، شۇڭا، يېمەكلىكنى قىزىتىش تېمپېراتۇرىسى بىلەن ۋاقتىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ياغدا پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك، يېمەكلىكنىڭ چۈرۈك تەمىنى ئارتۇقچە قوغلاشمىغاندا، تەتۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى