تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھاياتىي كۈچ يېتەرلىك بولدى − ئېچىۋېتىش قەدىمى تېزلەشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رايىدە

ئايتىللا كېرەم موتوسىكلىتنى مىنىپ يېزىدىكى كەسىپلەر باغچىسىغا ئىشقا كەلدى، مەۋلان ئەبەي ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىش بېجىرگىلى ماڭدى، ما خەييىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق ئىچكىرى رايونلاردىكى خېرىدار - سودىگەرلەر بىلەن ئۇدۇللىشىپ، مېۋە - چېۋە، كۆكتات سېتىش ئىشلىرىنى سۆزلەشتى... سەھەردە، كۈز پەسلىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىپايان زېمىننى يورۇتتى، بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر بىر كۈنلۈك ئالدىراش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىپايان زېمىنىدا سەپەر قىلسىڭىز، ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئالدىراش مەنزىرە سىزنى بۇ يەردە يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران قالدۇرىدۇ. ئاۋات، ئىناق شەھەر - يېزىلار، سودا جانلانغان بازارلار، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپەرگە چىقىش... ھەممە يەردە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ھاياتىي كۈچكە ۋە جانلىقلىققا تولغان بۇ كۆرۈنۈشلەر چەت، يىراق، بېكىنمە، تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان ئاشۇ جەنۇبىي شىنجاڭنى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن تەدرىجىي كۆتۈرۈۋەتتى.

قاتناش قولايلاشتى

9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا، شوپۇر تاھىرجان تۇداخۇن قەشقەر شەھىرىدىكى يۈك قاچىلاش ئورنىغا كەلدى، گەرچە ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ خوتەن شەھىرىدىن قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدا ئازراقمۇ ھارغىنلىق كۆرۈنمەيتتى.

«پۈتۈن يول يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولغاچقا، غىڭشىپ ناخشا ئېيتقىنىمچە كېلىپ بوپتىمەن. ھېرىپ كەتسەك ئارىدا يەنە مۇلازىمەت رايونىدا ئارام ئالغىلى بولىدۇ. ھازىر شارائىت ھەقىقەتەن ياخشى، بىر ھەپتىدە نەچچە قېتىم كۆپ قاتنىيالايمىز، ۋۇجۇدىمىزدا تۈگىمەس كۈچ بار» دېدى تاھىرجان.

تاھىرجاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىن خوتەن شەھىرىگە بارىدىغان بۇ لىنىيەدە مېڭىۋاتقىنىغا بىرنەچچە يىل بولدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يول ياخشى ئەمەس ئىدى، قەشقەر شەھىرىدىن خوتەن شەھىرىگىچە بولغان 500 كىلومېتىردىن كۆپرەك بۇ يولنى ئون نەچچە سائەت مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. پات - پات موتوسىكلىت، توكسىكلىتلار دۆلەت يولىغا چىقىپ قالاتتى، يول بويى تورمۇز دەسسەپ ئاستا ماڭاتتۇق.

2019 - يىلى 7 - ئايدا، قەشقەر - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سىرتقا تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇشۇ يىللاردا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ھاۋا يولى بارغانسېرى زىچلاشتى. خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا مۇكەممەل ئايلانما لىنىيە شەكىللىنىدۇ، خوتەندىن ئىبارەت كىشىلەرنىڭ تەسىراتىدىكى بۇ «يانچۇق تېگى» «ھەممە ئىش سىلىق يۈرۈشىدىغان» قاتناش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ.

مۇخبىر خوتەن شەرقىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىدە كېرىيە ناھىيەسىگە بارىدىغان لىنىيە ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، كېسەل كۆرسىتىپ قايتىپ كېلىۋاتقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاچچان يېزىسى ئاچچان كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى تۇردى قۇربان بىلەن كۆرۈشۈپ قالدى. يول بويى، تۇردى ھاياجانلانغان ھالدا يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى.

«ئاچچان كەنتى ناھىيە بازىرىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئىلگىرى يول ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولغاچقا، ئۇزۇن سەپەرگە چىقىش ئاۋارىچىلىك ئىش ئىدى. ھازىر كەنتتە لىنىيە ئاپتوموبىلى، ناھىيەدە يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى بار، خوتەن شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن يەنە پويىز، ئايروپىلان بار. سەپەرگە چىقىشىمىز قولايلاشتى، نەزەر دائىرىمىز كېڭەيدى. يېقىندا مەن خوتۇنۇم بىلەن بالىمىزنى خوتەن شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتۇشنى مەسلىھەتلەشتۇق، كەلگۈسىدە ئۇنى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسىكەن دەيمىز» دېدى تۇردى.

سەپەرگە چىقىدىغان يول قاتتىقلاشتۇرۇلدى، پۇتنى ئېلىپلا يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا چىققىلى بولىدۇ، يىراققا سەپەر قىلسا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بار، شىنجاڭدىن چىقىشتا تاللاش كۆپ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت ئامما ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ مېڭىشتىن زامانىۋى قاتناش قورالىدا سەپەرگە چىقىشقىچە تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

قاتناشنىڭ قولايلىشىشى ۋاقىت ۋە بوشلۇق جەھەتتە سىرت بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىلگىرىكى بۇ «يانچۇق تېگى»نى ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىغا ئايلاندۇردى. دەرۋازىلار بىر - بىرلەپ ئېچىلىپ، چەكسىز ھاياتىي كۈچ كىشىلەر ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ئېقىمىدا تولۇق قويۇپ بېرىلدى.

ئەشيا ئوبوروتى راۋانلاشتى

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 20 ئەتراپىدا، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى شىيۈ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىگە كىرگەندە، مۇخبىر توققۇز ئىشچىنىڭ سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن شىنمېيلارنى يۆتكەپ چىقىپ، سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلىغا قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 8 - ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، شىنمېي قاچىلانغان 43 سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى بۇ يەردىن شىنجاڭنىڭ سىرتىغا قاراپ يولغا چىقتى، ھازىر قاچىلىنىۋاتقىنى بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاپتوموبىل، مەنزىل چاڭشا.

ئەشيا ئوبوروتى راۋانلاشتى، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى رايونلاردىكى شەھەرلەردە سېتىلىپلا قالماي، يەنە دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدا يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش يۈك توشۇش نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىغىنىغا بىر يىل بولدى. يۈك توشۇيدىغان نۆۋەتچى پويىز توققۇز دۆلەتتىكى 17 شەھەرگە قاتنايدۇ، بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ياڭاق، ئۆرۈك مۇرابباسى، مېۋە شەربىتى قاتارلىق 40 مىڭ 300 توننا مېلى نۆۋەتچى پويىز بىلەن دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى. «ئۆيدىن تالاغا چىقىپ باقمىغان قىزنى ھېچكىم تونۇماپتۇ» دېگەندەك ئىزچىل سىرتقا چىقىرىلىپ باقمىغان خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئايروپىلان، پويىز بىلەن توشۇلۇپ ھەرقايسى جايلارغا سېتىلدى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنى ھەقىقىي تۈردە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلەندۈردى.

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتە ئادىل توختى ئادەتتىكىگە ئوخشاش لىق بىر ئاپتوموبىل تېز يوللانما قاچىلاپ كەنتكە قايتىپ كەلدى. ئۇ تۇرۇشلۇق يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ يېڭىئاۋات كەنتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ چېگرا كەنتى بولۇپ، تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 90 كىلومېتىر كېلىدۇ.

«مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ چارۋا باقتىم ۋە چېگرانى قوغدىدىم. خەۋەرلەردىن ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن بېيىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سىناپ باقماقچى بولدۇم.» ئادىل مۇنداق دېدى: 2018 - يىلى كەنتنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنتتىكى قويلىرىنى سېتىشىغا ۋە توردىن مال سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردىم.

ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسىغا كېلىشىم بىلەن، كەنت ئاھالىسى سەمەت يۇنۇس كەلدى. ئۇ تېز يوللانمىسىنى ئالغاندىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننى ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتتە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، بىزنىڭ توردا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىمىزغا ياردەم بەردى. مەنمۇ يان تېلېفوندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈپ، تورغا چىقىپ باقمىچىلىق تېخنىكىسى دېگەندەكلەرنى ئۆگىنىشنى ئويلاۋاتىمەن».

سانائەت بۇيۇملىرىنى يېزىلارغا ئاپىرىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرلەرگە كىرگۈزۈشتە، تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت كەسپى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى. ماللار توسالغۇسىز كىرىپ چىقتى، ئۇچۇرلار راۋان يەتكۈزۈلدى، بارغانسېرى موللىشىۋاتقان ئۇچۇر ئېقىمىدا، جەنۇبىي شىنجاڭلىقلارنىڭ قارىشى ئۆزگەردى، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى.

مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياخشىلاندى

«رەسمىيەت تۈگىدىما؟ مۇشۇنداق تېز بېجىرىلىپ بولدىمۇ؟» 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىنىڭ سودا - سانائەت بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇلازىمەت كۆزنىكى ئالدىدا، كارخانىنىڭ سودا - سانائەت بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئەمدىلا بېجىرىپ بولغان 90 - يىللاردا تۇغۇلغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياش فەن چاۋ رەسمىيەتنىڭ بېجىرىلىش سۈرئىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.

«كارخانىغا چېتىشلىق ئىشلارنى بېجىرىش تەرتىپى مۇرەككەپ، ئىلگىرى قانداقلا بولمىسۇن يېرىم يىل كېتەتتى. بۇلتۇر ئاقسۇنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، مەبلەغ سالغاندىن كېيىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.» كۇچا شەھىرىگە ئەمدىلا ماكانلاشقان شىنجاڭ چېڭرۈن جىنلەن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن يېشا مۇنداق دېدى: كارخانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن تارتىپ تۈردە ئىش باشلاشقىچە ئاران 80 كۈن كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كادىرلار ئىزچىل ئىز قوغلاپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، بېجىرىشكە ياردەم بېرىپ، ۋاكالىتەن بېجىرىپ، «ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئاقسۇ بەرپا قىلغان سىياسەت ئەڭ ياخشى، تەننەرخ ئەڭ تۆۋەن، مۇلازىمەت ئەڭ ياخشى، ئىش بېجىرىش ئەڭ تېز بولۇشتەك «تۆت ئەڭ» تىجارەت - سودا مۇھىتى نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىنى بۇ يەردە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 27 مىڭ 800 بازار سۇبيېكتى يېڭىدىن كۆپەيدى.

ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى كارخانىلارغا تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى ئېلىپ كەلدى. 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مۇخبىر قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان بىر كىيىم - كېچەك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىردى، ئىشچىلار شېنجېنغا ئەۋەتىلىدىغان مەكتەپ فورمىسىنى ئالدىراش تىكىۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى لى خۇيجېن ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، «ئالدىراش بولسا ياخشى، ئالدىراشلىقنىڭ ئۆزى سودىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ» دېدى لى خۇيجېن كۈلۈپ تۇرۇپ.

قەشقەرنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تۈگۈنلۈك ۋە جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشتەك رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. 2015 - يىلى، لى خۇيجېننىڭ بۇ «يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە پاي»غا كۆزى چۈشۈپ، تۈر ئېلىپ كەلدى. «يېڭى كەلگەن چاغدا، بۇ يەردە ئون نەچچىلا كارخانا بار ئىدى، ھازىر 100دىن ئارتۇقى بار. ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش مېنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرىمدە بولدى، دەسلەپتە بىر سېختىكى 300 ئىشچى - خىزمەتچى بىر ئايدا 10 مىڭ قۇر كىيىمنىمۇ تىكەلمەيتتى، بۈگۈنكى كۈندە بىر ئايدا 100 مىڭ قۇر كىيىم تىكەلەيدىغان بولدى. ئۇلار ئۆگىنىشنى خالايدۇ، غەيرىتى تولۇپ تاشقان، بۇ، مېنىڭ كارخانىنى تېخىمۇ زورايتىش، كۈچەيتىش ئىرادەمنى چىڭىتتى» دېدى لى خۇيجېن.

شېنجېن كەسىپلەر باغچىسى بىلەن بىر تام ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا، قەشقەر جۇڭچېڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۈن يۈلىن يىراقتىكى ئەركەشتام پورتىدىكى يۈك تىرانسپورت شوپۇرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتاتتى.

2018 - يىلى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ماكانلاشقاندىن كېيىن، سۈن يۈلىن مال تاپشۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۈزلۈكسىز قىسقىراۋاتقانلىقىنى روشەن ھېس قىلدى: «ئىلگىرى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان ماللار پورتقا كەلگەندە چۈشۈرۈلەتتى، تەكشۈرۈش، كارانتىن تاماملانغاندىن كېيىن يەنە ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مال تاموژنىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يول بويى توسالغۇسىز ھالدا ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا كىرىدۇ، بۇنىڭدا ۋاقىت تېجەلدى، ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچىمۇ تېجەلدى».

ھاياتىي كۈچ ئېچىۋېتىشتىن كېلىدۇ. كىچىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن، چوڭى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئېچىۋېتىش ۋە ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلگەن بۇ يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولماقتا.

قاتناشنىڭ راۋان بولۇشىدىن ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇرنىڭ راۋان بولۇشىغىچە، يەنە تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ راۋان بولۇشىغىچە، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈمىدكە تولغان يېڭى زېمىنغا قاراپ ماڭماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.