تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك

شى جىنپىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ توغرىسىدا بىريۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك جەمئىيەت ئىشلىرىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، بېيجىڭ سىفەن داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېڭ جيەنپىڭ، بېيجىڭ داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى خاۋ پىڭ، تيەنجىن داشۆ فېڭ جىسەي ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى فېڭ جىسەي، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چېن شىڭسەن، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دىراماتورگلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تيەنجىن ياشلار جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى سەنئەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مېڭ گۇاڭلۇ، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭخەي دىراما سەنئىتى مەركىزىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئارتىسى شى مېيجۈەن، جۇڭگو گۈزەل - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى فەن دىئەن، جۇڭگو كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇ جياڭ، بېيجىڭ داشۆ تېببىي بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، بېيجىڭ داشۆ 3 - دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى چياۋ جيې، بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى جۇڭگو تەنتەربىيە سىياسەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى باۋ مىڭشياۋدىن ئىبارەت مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئون مۇتەخەسسىس ۋە ۋەكىل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، سەھىيە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئومۇميۈزلۈك تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى. شى جىنپىڭ سۆز قىلغان ھەربىر ۋەكىل بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سوراپ، بىر قىسىم خىزمەت ۋە مەسىلىلەر توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىرلەرنى ئاڭلىدى، باھا بەردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن، جانلىق بولدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى سۆز قىلىپ، ناھايىتى قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يىغىنغا قاتناشقان باشقا مۇتەخەسسىس ۋە ۋەكىللەر يازما سۆز تاپشۇردى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بىز پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدىن پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى مائارىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىپ، مائارىپنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئەمگەك تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئۇيغۇنلاشقان مائارىپ قۇرۇلمىسى، پەن - كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىشنى نىشانلىشى كېرەك. مەۋقەنى دۆلەتنىڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشقا قويۇپ، رايون مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتا، لىنىيە، دائىرە بىرلەشكەن، شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىم رايونلار ماسلىشىدىغان مائارىپ تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، مائارىپ مۇلازىمىتى رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ ئىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش بولمايدۇ. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، ئىجادىي راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كېرەك. «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا مەدەنىيەت مۇھىم مەزمۇن؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مەدەنىيەت مۇھىم تىرەك نۇقتىسى؛ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مەدەنىيەت مۇھىم ئامىل؛ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا مەدەنىيەت مۇھىم كۈچ مەنبەسى. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى - مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ كەيپىياتنى يېتەكلەش، خەلقنى تەربىيەلەش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، بارلىق خەلقنىڭ ئىدىيە جەھەتتە، مەنىۋى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، مىللەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە دۆلەتنىڭ باي - قۇدرەتلىك بولۇشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، دىققەتنى دۇچ كەلگەن كونا قىيىن مەسىلە ۋە يېڭى خىرىسقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن دەۋرىيلىك ھالدا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ساغلاملىققا پايدىلىق تۇرمۇش شەكلى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ساغلاملىقنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم بولغان ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. دىققەتنى خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېغىر، زور كېسەل ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالار ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ساغلاملىق تەربىيەسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېغىر، زور كېسەلنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشتىن ساغلاملىقنى مەركەز قىلىشقا قاراپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي داۋالاش سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تېببىي بايلىق سىغىمىنى كېڭەيتىش ۋە رايونلارغا تەڭپۇڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى يېقىن ئەتراپتا ئادىل ئېرىشەلەيدىغان، سىستېمىلىق، سىجىل ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساغلاملىق مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن تەجرىبە ۋە ئەندىزىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلقئارا ئالاقە - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەنتەربىيە خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم يول، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرىدىغان، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، تەنتەربىيەنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان يېڭى ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ساغلاملىق ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تەنتەربىيە ۋە سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلار ماسلاشقان، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتناشقان تەنھەرىكەت ئارقىلىق ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى ئەندىزىنى ئورنىتىش كېرەك. ساغلاملىق بىرىنچى دەيدىغان مائارىپ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۆگىنىشى بىلەن تەنتەربىيە چېنىقىشىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەنتەربىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەنتەربىيە ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. تەنتەربىيەدە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. ماھارەت تەنتەربىيەسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش، رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە دۆلەت كوماندىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئەخلاق ئالتۇن مېدالى، خىسلەت ئالتۇن مېدالى، پاكىز ئالتۇن مېدال ئېلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، روھلاندۇرۇش دورىسى مەسىلىسىدە «قىلچە كۆرۈلمەسلىك» «قىلچە يول قويماسلىق»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يۇقىرى سۈپەتتە تەييارلىق كۆرۈپ، مۇسابىقىنى قالتىس ئۆتكۈزۈش، مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجە قازىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۇنلەن، چېن شى، خۇاڭ كۇنمىڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس ۋە ۋەكىللەر قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.