تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا ئايرودۇرۇمى «نەشپۈت ناملىق» ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى يولغا قويدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يى فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، كورلا ئايرودۇرۇمى «نەشپۈت ناملىق» ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى يولغا قويدى، بەش توننا كورلا نەشپۈتى PN6310 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئارقىلىق جېڭجوۋغا «ئۇچۇپ»، قىسقا ۋاقىتلىق ئالمىشىش ئارقىلىق شاڭخەيگە يېتىپ باردى، يېڭى نەشپۈتلەر 10 سائەت ئىچىدىلا ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى.

  9-ئاينىڭ 21-كۈنى، «نەشپۈت ناملىق» ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىدا، تۈجۈپىلەپ تاللانغان بىر سېۋەت كورلا نەشپۈتى قولدا ئايروپىلانغا توشۇلۇپ، كورلا نەشپۈتى «سەپىرى»نىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى «نەشپۈت ناملىق» ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئېلىپ ماڭغان نەشپۈتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى سەھەردە شاخلىرىدىن ئۈزۈۋېلىنغان يېڭى نەشپۈتلەر بولۇپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىدا توشۇش ئارقىلىق، كورلا نەشپۈتىنىڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا تېز سۈرئەتتە كىرىشتىكى ۋاقىتچانلىقى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپلا قالماي، يەنە مېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش مەسىلىسىمۇ ھەل قىلىنىپ، يەرلىكنىڭ ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە بازاردا ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى باھالىق بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەرلىك دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھازىرغا قەدەر، كورلا ئايرودۇرۇمى جەمئىي سەككىز ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى يولغا قويدى، ئۇلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى ناملىق»، «شوخلا ناملىق»، «504 توقاچ شاپتۇل ناملىق»، «يەنجى ناھىيەسى بەنلى كاۋىسى ناملىق»، «تارىم بۇغا مۈڭگۈزى ناملىق»، «كۈزگى چىلان ناملىق» ۋە «نەشپۈت ناملىق» قاتارلىق ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتى مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانى بولۇپ، جەمئىي 26 توننا مال توشۇدى، 4000 توننا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.

  كېينكى قەدەمدە، كورلا ئايرودۇرۇمى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن ماسلىشىپ، يېڭىدىن قىزىق لىنىيەلەرنى كۆپەيتىپ، قوي گۆشى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى داۋاملىق ئېچىپ، خاس  مېۋە ـ چېۋە تىرانسپورت مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن ئىچكىرى رايونلار ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ «بوشلۇق كۆۋرۈكى» بەرپا قىلىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى ۋە ماللىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىرىلىشىنى كۆپ خىل تاللاش بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى