تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى ۋېن، ليۇ لىڭ): كۈنەس ناھىيەسى ئارالتۆپە بازىرى ئۇچكەپتەر كەنتى ئوقۇتۇش نۇقتىسى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى جياڭسۇ ياڭنۇڭ جىنخۇ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدىكى مېھرىبان زاتلار ئىئانە قىلغان كىتاب ۋە ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالدى ھەم بۇ يەردە ھەدىيە قوبۇل قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئىگىلىنىشىچە، يىجېڭ شەھەرلىك پىدائىيلار بىرلەشمىسى مېھىر-شەپقەت ئىئانە قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ چەت، يىراق ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدىكى 1-، 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا كىتاب ئىئانە قىلىش تەشەببۇسى چىقارغان. جياڭسۇ ياڭنۇڭ جىنخۇ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسى بۇ ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، دەرھال شىركەتتە ئىئانە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 45 مېھرىبان زات جەمئىي 1150 پارچە مېھىر-شەپقەت كىتابى ۋە تۈرلۈك ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ھەم چېنىقىش سايمانلىرىنى ئىئانە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو پوچتىسىنىڭ بىۋاسىتە پوچتا ئارقىلىق ئۇچكەپتەر كەنتىنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىسىغا ئەۋەتىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.
بۇ مېھىر-شەپقەت كىتابلىرى ۋە ئۆگىنىش بۇيۇملىرى 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، ئۇچكەپتەر كەنتىنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىسىغا يەتكۈزۈلدى. نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى مېھىر-مۇھەببەتنى شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، مەكتەپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
نەق مەيداندا، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنى، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بالىلار رەسىم توپلىمىنى تاپشۇرۇۋالدى، جۇڭخۇا كىلاسسىك ھېكايە كىتابلىرى بالىلارنى جەلپ قىلدى. ئوقۇغۇچى گۈلمىرە تۇرغۇنجان كىتاب كۆرگەچ خۇشال ھالدا: «مەن بۈگۈن بۇ كىتابلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەك خۇش بولدۇم، مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىمەن، كۆپرەك كىتاب ئوقۇيمەن» دېدى.