تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدا قۇلماقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ گوخۇا، لى شياۋ): تۇتام تۇتام سۇس يېشىل رەڭلىك قۇلماقلار خۇشپۇراق چاچاتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئورغاقتا قۇلماق ئورۇۋاتاتتى. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، سانجى شەھىرى ئەرگۇڭ بازىرى بەخت كەنتىدىكى قۇلماق ئېتىزىدا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنەتتى.

بەخت كەنتىدىكى قۇلماق تېرىغان دېھقانلار قۇلماق يىغماقتا.

  بەخت كەنتىدە 750 مو قۇلماق تېرىلدى، ئۈچ يىل ئىلگىرى، سانجى شەھىرىدە لۈخۇارۇڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغانىدى، تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كوپىراتىپ 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قۇلماق پىششىقلاش، قۇرۇتۇش، ئوراپ قاچىلاش بىر گەۋدە قىلىنغان ئاپتوماتىك پىششىقلاش ئۈسكۈنىسىدىن بىر يۈرۈش سېتىۋالدى، بۇ ئىككى كۈندە 50-60 كەنت ئاھالىسى قۇلماق يىغىش، پىششىقلاش، قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

بەخت كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ماشىنا ئارقىلىق قۇلماق ئىلغىماقتا.

  «بۇ يىل قۇلماقنىڭ بازىرى يامان ئەمەس، ھەر كىلوگىرامى 36 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 10 يۈەن يۇقىرى بولدى» دېدى سانجى شەھىرى لۈخۇارۇڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى ماۋ جيەنرۇڭ. ماۋ جيەنرۇڭ 140 مو يەرگە قۇلماق تېرىدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مو يەردىن 260 كىلوگىرامدىن 270 كىلوگىرامغىچە قۇرۇق قۇلماق چىقىدۇ، ئۇ يىغىش، پىششىقلاش تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئېلىشنى مۆلچەرلىدى.

  مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا قۇلماق ئاساسلىقى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8-شىسى قاتارلىق جايلاردا تېرىلىدىكەن. جۇڭگودا شىنجاڭ، گەنسۇ ۋە ئىچكى موڭغۇلدا تېرىلىدىكەن، شىنجاڭنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇ يىل 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە قۇلماق تېرىلغان بولۇپ، ھازىر ھەممىسى پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرگەن.

  قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى مەھەللىسىدىكى جىنفۇ جيۇخۇا دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇلماق تېرىش بازىسى بۇ يىل 1000 مو يەرگە قۇلماق تېرىدى. بۇ كوپىراتىپ خۇارۇن، يەنجىڭ، چىڭداۋ پىۋا زاۋۇتى بىلەن زاكاز توختامى ئىمزالاپ، سېتىش يولىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  ھازىر، جىنفۇ جيۇخۇا دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشچىلىرى قۇلماق ئىلغاش ۋە قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. ئىشچىلار قۇلماق پېلىكىنى ئۈزۈش ماشىنىسىغا تەرتىپلىك كىرگۈزسە، پېلەكلىرى ئايرىۋېتىلگەن قۇلماق يەتكۈزۈش تاسمىسىنى بويلاپ چىقىدۇ، ئارقىدىنلا خالتىغا قاچىلىنىدۇ، قۇرۇتۇلىدۇ، ئوراپ قاچىلىنىدۇ، سوۋۇتۇلىدۇ. «بۇ يىل 20 مو  يەرگە قۇلماق تېرىدىم، بىر مو يەردىن 6000 يۈەن كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمەن» دېدى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ما شيۇپىڭ.

  گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 30 يىللىق قۇلماق تېرىش تارىخىغا ئىگە، بۇ يىل 3200 مو يەرگە قۇلماق تېرىلدى. ھازىر قۇلماقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن قۇلماق سېتىۋالغان شىنجاڭ سەنباۋلې يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 90 نەچچە قۇلماق يىغىش ئىشچىسىنى تەشكىللەپ، قۇلماق يىغىشقا ياردەملەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى