تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر چېن خۇالىن خەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسىدىكى تاڭبۇلا ئوتلىقىدا، يەنە چارۋىچىلارنىڭ كۆچۈش پەسلى يېتىپ كەلدى، بىر قىسىم چارۋىچىلار يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان كۈزلۈك ۋە قىشلىق كۆچۈشنى باشلىدى، مىليونلىغان چارۋا ئارقا-ئارقىدىن قىشلىق ئوتلاققا كۆچۈرۈلدى.
ھەر يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئوتلاق كۆچۈش پەسلىدە، چارۋىچىلار نەچچە 100 چاقىرىملىق ئوتلاقتا قوي-كالىلىرىنى ھەيدەپ، سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشىپ كۆچۈۋاتقان مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشىدە پەسىل پەرقى بار، ھاۋا كىلىماتى، يەر شەكلى ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، چارۋىچىلىق رايونلىرى بىر يىلدىكى تۆت پەسىل بويىچە ئايرىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان پەسىللەردە ئوخشاش بولمىغان چارۋىچىلىق مەيدانىدا قوي-كالا بېقىلىدۇ، ئوتلاق كۆچۈش ئارقىلىق چارۋىلارنى ۋاقتىدا ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپ بىلەن تەمىنلەپ، چارۋىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە سانىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، ھەر خىل چارۋىلارنى تەبىئىي شاللىغىلى بولىدۇ، بۇ، نەسلىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە ئوت-چۆپلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ دەم ئالدۇرۇشقا پايدىلىق.