تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مەركەزنىڭ توڭلىتىلغان زاپاس كالا، قوي گۆشلىرىنى بازارغا سېلىشقا باشلايدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى): شىنجاڭنىڭ كالا-قوي گۆشى بازىرىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كالا-قوي گۆشىنىڭ بازار باھاسىنى تەڭشەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۆش تۈرىدىكىلەرنى ئىستېمال قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت سودا مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەركەزنىڭ زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىش پىلانىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 400 توننا مەركەزنىڭ زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىشقا تەشكىللەيدۇ.

بۇ قېتىمقى بازارغا سېلىش 2020-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، بازارغا سېلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 11:00دىن 15:00كىچە بولىدۇ. بازارغا سېلىنىدىغان گۆش تۈرلىرى يەرلىكتە توڭلىتىلغان قوينىڭ گەۋدە گۆشىدىن (تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن) 200 توننا، يەرلىكتە توڭلىتىلغان كالا گۆشىدىن 200 توننا قاتارلىقلار بولۇپ، بازارغا سېلىنىش باھاسى توڭلىتىلغان قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 40 يۈەن، توڭلىتىلغان كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 48 يۈەن.

بۇ قېتىمقى بازارغا سېلىش مەركەزنىڭ زاپاس گۆشنى ساقلاشنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىسى شىنجاڭ خۇالىڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان 11 مەھەللە كالا-قوي گۆشىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ۋە شىركەت قارىمىقىدىكى سىجىشيەن تاللا بازىرىنىڭ ئون دۇكىنى ئارقىلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇلىدۇ، بازارغا سېلىش نۇقتىسىدىن جەمئىي 21ى بار بولۇپ، ئاساسلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋە مىدۇڭ رايونىغا تارقالغان. ھەربىر ئادەم پەقەت يېرىم توڭلىتىلغان قوي گۆشى، بەش كىلوگىرام توڭلىتىلغان كالا گۆشى سېتىۋالسا بولىدۇ.

مەركەزنىڭ زاپاس گۆشلىرى شىنجاڭدىكى يەرلىك كالا-قوي قاتارلىق تىرىك چارۋىلار كارانتىن قىلىپ سويۇلغاندىن كېيىن، زاپاس گۆشنى پىششىقلاش ۋە ساقلاش تەلىپى بويىچە ئامبارغا كىرگۈزۈلۈپ زاپاس ساقلىنىدۇ ھەمدە دۆلەت يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ لاياقەتلىك ئاممىۋى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدۇ. بۇ يىل 6-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئالاقىدار تارماقلار زاپاس گۆش سوغۇق ساقلاش ئامبىرىنىڭ مۇھىتى ۋە بۇيۇملارنىڭ سىرتقى يۈزىگە قارىتا كۆپ قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجە بىردەك مەنپىي چىققان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى