تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلارنى يۆلەش كەسپى كەنتلەرگە كىردى، دېھقانلار ئىشىك ئالدىدىلا خىزمەت قىلىدىغان بولدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ مىڭ، جاڭ جىخۇا، ۋۇ خەينەن): «مېنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئالغۇم يوق، بىر جۈپ قولۇمغا تايىنىپ، نان زاۋۇتىدا ئىشلىسەم، تۇرمۇشۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ» دېدى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، بۇمەريەم بايىز مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن بۇمەريەمنىڭ ئۆيى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى خانئېرىق بازىرى خانئېرىق كەنتىدە بولۇپ، مېيىپ بولغانلىقتىن، ئۇ ئىزچىل تۆۋەن كاپالەتكە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنىدى. 2019-يىلى 12-ئايدا، جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، نان زاۋۇتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىر كەسىپ تۈرى بولۇپ، بۇمەريەمنىڭ ئۆيى بىلەن بولغان ئارىلىقى 400 مېتىرمۇ كەلمەيتتى. ھازىر ئۇ نان زاۋۇتىدا ئىشلەپ، ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ھەر ئايدا مائاش ئالىدۇ، يەنە بىر كىشىلىك ھەقسىز چۈشلۈك تاماقمۇ يېيەلەيدۇ. خىزمەتداشلىرى بۇمەريەمنى خىزمەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، كۈلكىسى بۇرۇنقىدىن كۆپەيدى، دېيىشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا نۇقتا بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ تۈرلىرىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قۇردى، تۈركۈم-تۈركۈملىگەن دېھقانلار «ئېتىزغا بېرىش»تىن «ئىشقا بېرىش»قا ئۆزگىرىپ، سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.

خانئېرىق كەنتىنىڭ نان زاۋۇتى زامانىۋىلاشقان توكلۇق تونۇر ئاقما لىنىيە مەشغۇلاتى ئارقىلىق نان ئىشلەپچىقىرىپ، شۇ جايدىكى مەكتەپلەرنى نان بىلەن مۇقىم تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ، زامانىۋىلاشقان زاۋۇت 54 كەنت ئاھالىسىنى قوشۇلۇشقا جەلپ قىلدى، بىرنەچچە ناۋاي ھەتتا ناۋايخانىسىدىن ۋاز كېچىپ، نان زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشچى بولدى.

جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن خوتەن ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى مۇتەللىپ ھەسەننىڭ ئېيتىشىچە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قوش پايدا ئېلىشنى نىشان قىلىپ، ھەمكارلىشىش، شېرىكلىشىش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، سىرتقا قارىتا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوخشىمىغان كەسىپ تۈرلىرىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، سۈپەتلىك ماركىغا تايىنىپ بازار ئاچقان.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى جىگدە ئېرىق كەنتىدىكى پاراۋۇز ئېلېكتىرىك كونترول ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى، تۆۋەن بېسىملىق توك تەقسىملەش ئىشكاپى ۋە توك تەقسىملەش ساندۇقى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئىگىلىگەن كۆلىمى 4000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ زاۋۇت شۇ جايدىكى 60دىن ئارتۇق ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش ئورنى، ماھارىتى ۋە خىزمەت مىقدارى بويىچە ئىش ھەققى بېرىپ، يۇقىرى ئۆلچەم بېكىتمىدى. ئىش ھەققى يۇقىرى، ئۆگىنىش ئۈنۈملۈك، ئىش ئورۇن يېقىن، شارائىتى ئەۋزەل بولۇش قاتارلىقلار شۇ جايدىكى نۇرغۇن ياشلارنى جەلپ قىلدى. ئاقىل رازاق ئەسلىدە سىرتتا خىزمەت قىلاتتى، يۇرتىدا زاۋۇت قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ بىرىنچى ۋاقىتتىلا قايتىپ كەلدى. ئۇ كەسىپنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەت ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، شىركەتنىڭ سىرتقا ئەۋەتىپ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ھازىر، ئۇ تېخنىكا تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بەت ياساش ئىشچىسىلىق ئىش ئورنىغا چىقتى، ئايلىق مائاشىمۇ ئۆسۈپ 5000 يۈەنگە يېقىنلاشتى.

ھازىر جىگدە ئېرىق كەنتىدىكى پاراۋۇز ئېلېكتىرىك كونترول ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى كېڭەيتىپ قۇرۇش ھەم زامانىۋىلاشتۇرۇلۇپ ئۆزگەرتىلىۋاتقان بولۇپ، يۇقىرى بېسىملىق توك تەقسىملەش ئىشكاپى، يۇقىرى بېسىملىق توك تەقسىملەش ساندۇقى ساھەسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. كەسىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېلىپ كەلگەن ئىلگىرىلەش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشى، ئىشچىلار ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، خوتەن ناھىيەسىدە كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 15نى بېكىتكەن، نۆۋەتتە بۇ تۈرلەر ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 500 ئائىلىلىككە يېقىن 3000دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشىشى مۆلچەرلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى