تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

3- قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا كۆيۈنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشنى تەكىتلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دەل كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنىڭ ھەممە يېرى مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە تولدى. بۇ يىلقى مول ھوسۇل تەستە قولغا كەلدى، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى، شەرقىي شىمال رايونىدىكى يازلىق تومۇز قۇرغاقچىلىقى، تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئۇدا ھۇجۇم قىلىشى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ مول ھوسۇلنى قولغا كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت - فاڭجېن ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا كۆيۈنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن گۈزەل ئەتىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.