تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ ساۋۇر ئوتلىقى زور تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ئارداق خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسى شالشىقاي يېزىسىدىكى بۇغداي ئېتىزى زور تۈركۈمدىكى «كەمدىن-كەم كېلىدىغان مېھمان»نى كۈتۈۋالدى، دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان بۇ توپ-توپ كۈل رەڭ تۇرنىلار شۇ جاينىڭ كۈز پەسلىدىكى يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېمىنەي ناھىيەسى ساۋۇر ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ساۋۇر ئوتلىقى قۇشلارنىڭ كۆچۈش جەريانىدا توختاپ ئۆتىدىغان، ئوزۇق ئىزدەيدىغان، كۆپىيىدىغان تەبىئىي سورۇنىغا ئايلىنىپ، ياۋا قۇشلارنىڭ تۈرى ۋە سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى