تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

جياڭسۇ دافېڭ: قانداغاي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ كۈزدىكى گۈزەل تاڭ نۇرى

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، جياڭسۇ دافېڭ قانداغاي دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، قانداغايلار گۈزەل تاڭ نۇرىدا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

  خەلق تورى خەۋىرى: قانداغاي ئېلىمىزدىكى ئالاھىدە تۈر، دۇنيادىكى ئەتىۋارلىق ھايۋان. 30 نەچچە يىللىق ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئۈنۈملۈك قوغداش ئارقىلىق، دافېڭ قانداغاي مۇھاپىزەت رايونى قانداغاينى ئەسلىي ماكانىدا بىخەتەر ھالدا نەسىل كىرگۈزۈپ توپ كېڭەيتىش، يېرىم تارقاق بېقىش، تەبىئەتكە قايتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ باسقۇچنى بىخەتەر بېسىپ ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ياۋا تۈر توپىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى، ئەي بولۇش نىسبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيا قانداغاي ئومۇمىي سانىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، مۇھاپىزەت رايونى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى قانداغاي تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قانداغاي تۈر توپى سانى، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل قانداغاي گېن ئامبىرى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ياۋا قانداغاي تۈر توپى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆندۈرۈلگەن قانداغاي تۈر توپىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك «دۇنيا رېكورت»ى ياراتتى. (شۈ سۇڭجۈن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى