تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

【نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە 52 ناھىيەگە سەپەر】 ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى چۆللۈك باغقا ئايلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: تۇردى ئۇرايىمنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ئۇ 300 مو باغنىڭ پەرۋىش خىزمىتىگە مەسئۇل. ھازىرقى خىزمىتى تىلغا ئېلىنغاندا ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ چۆلنى مېۋىلىك باغ قىلىپ بەرپا قىلدى، بولمىسا مېنىڭ قانداقمۇ ھازىرقى خىزمىتىم بولسۇن؟ ھازىر مەن بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن، بۇنداق ياخشى كۈنلەرنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم.»

  تۇردى ئۇرايىم ئېيتقان چۆللۈكنىڭ مېۋىلىك باغقا ئايلىنىشى، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسىنىڭ يېيىلغان كەنتىدە يۈزبەرگەن. بۇ يەر ئاقتۇ ناھىيە بازىرىغا 11 كىلومېتىر كېلىدىغان، دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدىغان دېھقانچىلىق رايونى تۈزلەڭلىك يېزىسىدۇر. پىلال يېزىسىدا 17 ئېغىر نامرات كەنت بار ئىدى، بىر نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، توققۇز نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندى، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز كەنت ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. پۈتۈن يېزىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 5681 نامرات ئائىلە، 25 مىڭ 449 ئادەم بار بولۇپ، 5072 ئائىلە، 22 مىڭ 690 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغىنى 609 ئائىلە، 2759 ئادەم، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %5.92 بولدى، 2020-يىلى پىلان بويىچە يىكىچىلە كەنتى قاتارلىق توققۇز كەنت پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 609 ئائىلە، 2759 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى.

  پىلال يېزىسىنىڭ يېيىلغان كەنتى شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كەسىپ قۇرۇلمىسى بىرلا خىل، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى تار، يېزا ئىگىلىكى-يېزا كەسىپلىشىش سەۋىيەسى تۆۋەن ئىدى. 2017-يىلى كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 3000 يۈەن ئىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئالدىدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «سۇغا قاراپ يەر بېكىتىش، ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 4000 مو ئورمان-باغ بازىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى. تىكىلگەن مېۋىلىك دەرەخلەردىن بارىن ئۆرۈكى، يۈرۈشلۈك شاپتۇل (20 نەچچە خىل سورت)، شىنمېي ئاساس، ياڭاق ۋە چوڭ مېۋىلىك جىگدە ئىھاتە ئورمىنى قوشۇمچە قىلىندى، بۇ بازا كوپىراتىپلاشتۇرۇلغان بىرتۇتاش باشقۇرۇش، پايدا تەقسىملەش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

  2020-يىلى، يېيىلغان كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. كەنت پىلانلاپ قۇرۇۋاتقان يېڭى ساياھەت تۈرى، كەنتكە تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

  (گۇاڭمىڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ سې)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى