تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرىدىكى زاكازلىق ئۈزۈم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شىنشىن خەۋىرى): ھازىر دەل ئۈزۈم ئۈزۈش مەزگىلى، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىر سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرى سىخۇبا كەنتىگە بېرىپ، دېھقان ۋاڭ جۇڭمىڭنىڭ ئېتىزدا ئۈزۈم ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى.

ۋاڭ جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى:«بۇ يىل مەن 30 مو يەرگە ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم تىكتىم، بىر مو يەردىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، بىر يىللىق كىرىمىم 100 نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ ئۈزۈمنىڭ سېتىلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىدىكى سەۋەب بازاردىكى ئۈزۈم ھارىقى دۇكىنى بىلەن توختام ئىمزالىغانلىقىم».

ليۇگۇڭ بازىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك بايلىق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، تەۋەلىكىدىكى ئۈچ ئۈزۈم ھارىقى كەنتىنىڭ ھاراق كەسپى بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەڭ كۆلەمدە ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم تېرىدى. بازارلىق ھۆكۈمەت پائال يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىركەت+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى شەكلى ئارقىلىق، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش «زاكاز» شەكلىدىكى مۇلازىمەت تىجارەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، بازار بىلەن دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇدۇللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا، بازار يەنە ئورمانچىلىق تېخنىكا تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ دېھقانلارنى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈمنىڭ سورتىنى ياخشىلاپ، ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى ئىنچىكە تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىش، كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

ليۇگۇڭ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى ما ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ھازىر پۈتۈن بازاردا ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم كۆلىمى 1600 مو بولۇپ، ئاساسلىقى سىخۇبا كەنتى، شياليۇگۇڭ كەنتى، شىنجۇاڭ كەنتىدىن ئىبارەت ئۈچ كەنتتە ئۆستۈرۈلۈپ، 600دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈمنىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 2100 توننا، مو بېشى مەھسۇلاتى 1.3 توننا، مو بېشى كىرىمى 4000 يۈەندىن ئاشتى».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى