تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

【يۇرتنى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش】 «تاۋۇز شاھى» يۇرتداشلارنى بازار ئېچىشقا يېتەكلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر گو چىڭ): «6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئىككىدىن بەشكىچە چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى تاۋۇزلىرىمنى ئۈرۈمچىگە توشۇيدۇ. تاۋۇزلىرىمنىڭ باھاسى ئادەتتىكى تاۋۇزلارنىڭ بازار باھاسىدىن قىممەت، ئەمما خېرىدارلار ئەزەلدىن باشقىچە پىكىردە بولۇپ باقمىدى، ھازىر ھەممىسى سېتىلىپ بولدى.» 8-ئاينىڭ 28-كۈنى، باغراش ناھىيەسى باغراش يېزىسى كۇدەيلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۇنۇس مامۇت تېرىغان تاۋۇزلىرىنى تىلغا ئېلىپ ناھايىتى پەخىرلەندى.

  ئىلگىرى، باغراشتىكى يېزا-كەنتلەردە كىشىلەر ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تاۋۇز تېرىپ ئۆزلىرى ئىستېمال قىلاتتى. 2000-يىلىنىڭ بېشىدا، يۇنۇس باغراش ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ قوللىشىدا، 50 مو يەردە پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈش، كىچىك ئەگمە پارنىكتا كۆچۈرۈپ تېرىش تېخنىكىسى بويىچە سىناق قىلىپ، تاۋۇزنى ئىلمىي تېرىش ئۈستىدە ئىزدەندى.

  كىچىك ئەگمە پارنىك ئاساسلىقى بامبۇك چىۋىقىدا ياسىلىدۇ، ئاندىن سۇلياۋ يوپۇق يېپىلىدۇ، چۇۋۇش ئاددىي، تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، خۇددى تاۋۇز پىلىكىنىڭ ئۈستىدىكى «كۈنلۈك»كە ئوخشايدۇ. كىچىك ئەگمە پارنىك تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەندە، تۈگەنچى باھار سوغۇقنىڭ تەسىرىنى ئازايتقىلى بولۇپلا قالماي، يەنە تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى بالدۇر بىخلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  يۇنۇس مۇنداق دېدى: «تاۋۇز چۈشكەندىن كېيىن، بىز كىچىك ئەگمە پارنىكنى ئېلىۋېتىمىز، بۇنداق قىلغاندا تاۋۇزغا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولىدۇ، تاۋۇز روشەن كېچە-كۈندۈز تېمپېراتۇرا پەرقىنىمۇ باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇنداق ئۆستۈرۈلگەن تاۋۇزنىڭ دانىسى چوڭ، شاپىقى نېپىز، ئېتى يۇمشاق ھەم قىزىل، تالاسى ئاز، شىرنىسى كۆپ بولۇپ، ساقلاشقا، توشۇشقا چىداملىق بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاۋۇزنى بازارغا سالغىلى بولىدۇ، تاۋۇزنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە كۆممىقوناق تېرىساق، بىر پارچە يەردىن بىر يىلدا ئىككى ئۈلۈش كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.» ئۇنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن، پۈتۈن يېزىنىڭ تاۋۇز تېرىش كۆلىمى 600 مودىن ئاشتى.

  يۇنۇس بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن «نەنشەنشا» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ زىيانسىز تاۋۇز ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى. ھازىر «نەنشەنشا» ماركىلىق زىيانسىز تاۋۇز بېيجىڭ، سۇجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىۋاتىدۇ، تاۋۇز تېرىش كۇدەلىك كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم مەنبە بولۇپ قالدى.

  2019-يىلى 5-ئايدا، يۇنۇس پۈتۈن يېزىدىكى ئالتە ئائىلىلىك دېھقان بىلەن بىللە باغراش ناھىيە نەنشەنشا تاۋۇز تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، كۆپچىلىك باغراش ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تەشكىللىنىپ بازار ئېچىپ، بارغانسىرى روناق تاپتى. يۇنۇسمۇ پۈتۈن ناھىيەگە داڭلىق «تاۋۇز شاھى»غا ئايلاندى.

  «بېيىغان يۇنۇس ئاكا يۇرتداشلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ دېھقانلارغا تېخنىكا جەھەتتىن ھەقسىز ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىكنىڭ سېتىش يوللىرىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشتىن ئىبارەت مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى» دېدى باغراش ناھىيە باغراش يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ زىياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى