تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاقسۇ شەھىرىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (خۇ شياۋشياۋ): 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق «خاڭجوۋ ياردەم بەرگەن شىنجاڭلىق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئوقۇش ياردەم پۇلى»نى تارقىتىش مۇراسىمى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ تيەنخاڭ تەجرىبە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى، جەمئىي 40 نەپەر ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ئەلا داشۆ ئوقۇغۇچىسىغا 240 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى.

   تارقىتىش مۇراسىمىدا، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ قەلب مۇساپىسىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. «ئاتا-ئانام ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى، ئاچام تۇغما مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالمايدۇ، ئىنىم ھازىر تولۇقسىز 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرى پەقەت دادامنىڭ پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدايمىز... ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى شىرىنگۈل ئەركىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خۇبېي سانائەت داشۆسىگە ئۆتكەن بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ، ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدا تېخىمۇ تىرىشىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە قىلغان غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ داشۆ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 2016-يىلىدىن باشلاپ نامرات داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە مەبلەغ ياردىمى بېرىش پىلانىنى يولغا قويغان. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ نوپۇسىدا بولغان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان نامرات داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى، ئۆزى ئىلتىماس قىلىش، تەشكىل تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغاندا مۇنازىرە قوزغىمىغانلار، بىردەك خاڭجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلەغ ياردىمىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدىكەن، بۇ، ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن مەركەزلىك تارقىتىلىدىكەن. مەكتەپكە كىرىشكە مەبلەغ ياردىمى بېرىش پىلانى يولغا قويۇلغان تۆت يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرىدە يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن 582 نامرات داشۆ ئوقۇغۇچىسىغا مەبلەغ ياردىمى بېرىلىپ، مەبلەغ ياردىمى سوممىسى 3 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، زور بىر تۈركۈم ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ئەلا نامرات داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئوڭۇشلۇق مەكتەپكە كىرگەن. بۇ يىل خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى مەخسۇس 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، 133 نەپەر نامرات داشۆ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە مەبلەغ ياردىمى بەرگەن.

   خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن قوماندانى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مو فېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش يىلى، شۇنداقلا، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، خاڭجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، خاڭجوۋ شەھىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 314 كادىر، ئىختىساسلىقنى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن جەمئىي 224نى يولغا قويۇپ، 3 مىليارد 469 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى