تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چەرچەن ناھىيەسىدە «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش» ئالتۇن كۈز باغ سەيلىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن شۆرۇ، سۇ شىن، رېشىت ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى): تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، تېرىقچىلىق خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، 3-قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى قوراملىق يېزىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەدەنىيەت باغچىسىدا «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش» ئالتۇن كۈز باغ سەيلىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا، چەرچەن ناھىيەسى قوراملىق يېزىسىنىڭ قوراملىق، باش كېچىك قاتارلىق بەش كەنتىدىكى ئامما ۋەكىللىرى شۇ جايدا مول ھوسۇل ئېلىنغان ئېگىزلىك غولپىيىزى، چىلان، ئاق ئارپا، تۆگە تىۋىتى، ئۈزۈم قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى تولدۇرۇپ قاچىلانغان گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان خاس چاسا ئەترەت تەشكىللەپ، تەرتىپ بويىچە مەيدانغا چىقىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ بۇ يىللىق مول ھوسۇل نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى. كۆچمەن چارۋىچىلار چاسا ئەترىتى، كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغانلار چاسا ئەترىتى، ئاپتوموبىل ساياھىتى چاسا ئەترىتىمۇ تەرتىپ بويىچە مەيدانغا چىقىپ، باشقىچە شەكىلدە نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا قوراملىق يېزىسىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى.

  «ئىلگىرى سىرتقا چىققاندا ئات ھارۋىسىغا ئولتۇراتتۇق، ھازىر سىرتقا چىققاندا پىكاپ ھەيدەيمىز. بۈگۈن مەن يېزا-كەنت ئاممىسىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىدىن تەشكىللەنگەن ئاپتوموبىل ساياھەت ئەترىتىدىن ھەيران قالدىم. مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدىكى ئازادە، پاكىز كوچىلارنى، ھەيۋەت گۈزەل <تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى باغچىسى>نى كۆردۈم، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ئىللىق، يېقىشلىق بولۇپ، بەزى چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرى ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىنمۇ ياخشى ئىكەن» دېدى ساياھەتچى ۋاڭ خانىم مۇخبىرلارغاا.

  خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە چاسا ئەترەت ئويۇنلىرىدىن باشقا، نەق مەيداندا «تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى باغچىسى»نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. «تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى باغچىسى»دىكى ۋاڭخۇڭ كۆۋرۈك، خاس مەززىلىك تائاملار مۇلازىمەت رايونى تۈركۈم-تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. مەززىلىك پۇرىقى تۆت ئەتراپقا تارالغان تونۇر كاۋىپى، زىخ كاۋاپ، دۈملەپ پىشۇرۇلغان گۆش، شاۋكاۋ، پولۇ، ئۆپكە-ھېسىپ قاتارلىق ھەر خىل مەززىلىك تائاملار ساياھەتچىلەرنى شۇ جاينىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچى ئاممىسىنى ساياھەتچىلىككە تايىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا باشلىدى.

  بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن روزى مەمەت قوراملىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە. 2017-يىلى، بۇ ئائىلىدىكى تۆت جان تاغلىق چارۋىچىلىق رايونىدىن قوراملىق يېزىسىدىكى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى، بۇ ئىككى يىلدا، يېزىدا ساياھەتچىلىك تەرەققىي قىلدى، يېزا كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇ قامچىنى تاشلاپ، يېزىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەززىلىك تائاملار كۇرسىغا پائال قاتناشتى ھەم تونۇر كاۋىپى، زىخ كاۋاپ پىشۇرۇش ھۈنىرىنى ئۆگەندى. ئارقىدىن، ئۇ قوراملىق كەنتىنىڭ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىدا ئۈچ كىگىز ئۆي سېلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ھەم كاۋاپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملارنى سېتىش سودىسى قىلدى. بۈگۈن يېزىدا مول ھوسۇل بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، ئۇ يەنە «تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى باغچىسى»دا كاۋاپ ساتىدىغان يايما ئورنى تىزدى.

  «ئىلگىرى تاغدا قوي باقاتتۇق، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. 2017-يىلى 5-ئايدىن ھازىرغىچە، مېنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا كاۋاپ سېتىپ تاپقان ساپ كىرىمىم 60 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ ئىككى كۈندە، مېنىڭ <دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى باغچىسى>دا كاۋاپ سېتىپ تاپقان ساپ كىرىمىم 5000 يۈەندىن ئاشتى، تۇرمۇشۇممۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى» دېدى روزى مەمەت خۇشال ھالدا.

  قوراملىق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ شىگاڭ مۇنداق دېدى: «2016-يىلىدىن بۇيان، قوراملىق يېزىسى ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىگە تايىنىپ، جەمئىي 120 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، ساياھەت كىرىمى 4 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى. كەلگۈسىدە يېزىمىز يەنە پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىگە داۋاملىق تايىنىپ، ساياھەت كەسپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، چارۋىچى ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەيدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، قوراملىق يېزىسى دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلىگەندىن باشقا، بۇ ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزا(بازار)، مەيدانلىرىدىكىلەرمۇ بەس-بەستە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، مول مەزمۇنلۇق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، 3-نۆۋەتلىك «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى»نى ئورتاق تەبرىكلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى