تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

قابا ناھىيەسى: سۈرەتتەك گۈزەل ئاقچى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: كۈز شامىلىغا ئەگىشىپ ئوت-چۆپلەر سارغايدى، شىنجاڭ قابا ناھىيەسى ئاقچى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئاق قوتانلار بەھۇزۇر يۈرمەكتە، ياۋا ئۆردەكلەر پەرۋاز قىلماقتا.

    كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت ئاستىدا بارلىق مەۋجۇدات شۇنچىلىك ئەركىن بولۇپ، خۇددىي گۈزەل ماي بوياق رەسىمىگە ئوخشايتتى.
    ئاقچى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1250 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە سۇلۇق يەر كۆلىمىلا 1206.11 گېكتار بولۇپ، باغچە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %96.49ىنى ئىگىلەيدۇ.
    باغچىدا جەمئىي 51 ئۆسۈملۈك ئائىلىسى، 110 ئۇرۇقداش تۈرى، 194 خىل ئۆسۈملۈك بار بولۇپ، دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن ئاق لەيلەك، ياۋا غاز، ئالا قۇيرۇقلۇق بۈركۈت، كىچىك دوغداق، چىپار دوغداق، ئاق قۇملۇق كەسلەنچۈكى قاتارلىق ئالتە خىل تۈر بار.
    دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن سار، بۈركۈت، ئوتلاق بۈركۈتى، لاچىن، سېرىق تىرناقلىق لاچىن، قىزىل لاچىن، كۈلرەڭ بۆدۈنە، سۈلەيسۈن، بۇلغۇن قاتارلىق 15 خىل تۈر بار.
    «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»، قابا ناھىيەسى تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوت-چۆپ سىستېمىسىنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بەردى.
    ئوتلاقنى قوغداش، ئورماننى قوغداش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، سۇلۇق يەرنى قوغداشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى.
    ئېكولوگىيەلىك سىستېما مۇقىم، جانلىقلارنىڭ تۈرى مول.
    بۇ يەردىكى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى