تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

بايىنغولىن ئوبلاستى: ناخشا ئېيتىپ مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پەيتى

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى نۇرباغ كەنتىدىكى باغۋەنلەر مول ھوسۇل مېۋىسىنى كۆرسەتمەكتە. (ۋاڭ يۇڭچياڭ فوتوسى)

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار لى لىڭ، جاۋ شۇاڭ، ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ يۆ خەۋىرى، فوتوسى): مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارقىلىدىغان، شال، تېرىقلارنى يىغىۋالىدىغان مەزگىل يەنە يېتىپ كەلدى. ئالتۇن كۈزدىكى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تۇپرىقى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، مول ھوسۇل قاينىمىغا چۆمگەنىدى. تارىم ئويمانلىقىدىن قايدۇ دەرياسى بويىغىچە، كېۋەز غوزىلىرى ئېچىلدى، نەشپۈتلەرنىڭ خۇش ھىدى تارالدى، چىلانلار تولۇق پىشتى... دېھقانلار كۈزنىڭ «ئۈچ ئىشى» بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇلدىن بەخت تۇيغۇسىنى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى. 3-قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مۇخبىر  كۈزنىڭ «ئۈچ ئىشى» بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇلنى نامايان قىلىش، ئېتىز بېشىدىكى مول ھوسۇل ھەققىدە پاراڭلىرى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مول ھوسۇلدىن بەھرلىنىشتەك بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.

9-ئاينىڭ 15-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىكى دېھقان لى يۇڭچيەن تەرگەن پاختىسىنى كۆرسەتتى، ئۇنىڭ چىرايىدا مول ھوسۇل شادلىقى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.(چاڭ شۆخۇي فوتوسى)
9-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا شەھىرى شىنىغى بازىرى باش ئېڭىز كەنتىدىكى باغۋەن ئابلىكىم قاسىم نەشپۈتلۈكىدە.(جاۋ شۇاڭ فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى