تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ باغراش كۆلى كۈزلۈك بېلىق تۇتۇش بايرىمى باشلاندى

9-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش ناھىيەسى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا كۈزلۈك بېلىق تۇتۇش پائالىيىتىنى كۆرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ياڭ شياۋدۇڭ، چۆ . خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو شىخەي . باغراش كۆلى كۈزلۈك بېلىق تۇتۇش بايرىمى داخېكوۋ(شىخەي بېلىقچىلار كەنتى) مەنزىرە رايونىدا باشلىنىپ، باغراش ناھىيەسىنىڭ قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى ۋە ئۆزىگە خاس ساياھەت بايلىقى، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى نامايان قىلىندى.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، باغراش ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىن كەلگەن 700دىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئامما مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلىدى. ساۋۇردېڭ ئۇسۇلىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى، موڭغۇللارنىڭ لەرزان مۇزىكىلىرى، داقا-دۇمباق ۋە ئۇسسۇلچى شىر نومۇرلىرى بايرام كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى... ساياھەتچىلەر يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ بەس-بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ساياھەتچىلەر ھەر خىل قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆزلىرى سىناپ باقتى، يەنە نۇرغۇن خاس تائاملار ساياھەتلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ خاسلىققا ئىگە بولغىنى شىخەيدىكى بىرىنچى چوڭ قازان 10 مىڭ كىشىلىك بېلىق زىياپىتى بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  بۇيرۇق بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن بېلىق تۇتۇش كېمىسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، بېلىق تۇتۇش رايونىنى چۆرىدەپ، چوڭ تورنى تارتتى، تورغا چۈشكەن بېلىقلار توردا پىلتىڭلاپ تۇراتتى. بىر قىسىم ساياھەتچىلەر يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈپ ياكى بېلىق تۇتۇشقا قاتنىشىپ، چوڭ توردا بېلىق تۇتۇشتەك ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى تاماشا قىلدى. بىرىنچى چوڭ توردا تۇتۇلغان «چوڭ بېلىق» 66 مىڭ يۈەنلىك «يۇقىرى باھا»دا سېتىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت، سەھرا مەنزىرىسى، يېشىل تېرىقچىلىق، خاس باقمىچىلىق قاتارلىق ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكلەپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ۋە 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پەرقلىق ساياھەت تەسىراتى ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  «گۈزەل باغراش كۆلىنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندىم، يېزا-كەنتلەردىكى ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدىم، كەچتە يەنە خاس بېلىق زىياپىتىگە قاتناشتىم، بۇ قېتىمقى ساياھىتىم تولىمۇ مەزمۇنلۇق ھەم قىزىقارلىق بولدى» دېدى كورلا شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى چاڭ لې.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى