تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 2020-يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى تەڭشىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ما بېي): يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 2020-يىللىق ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى ئېلان قىلدى. ئىلگىرى، ئەسلىدىكى ئۆلچەم بويىچە ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى بېكىتىلگەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر يىللىق يېڭى ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى ھەم ئۆلچىمى بويىچە پەرقلىق سوممىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك. يېڭى ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، بۇ يىل 12-ئايغىچە ئۆزگەرمەيدۇ.

  9-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىنكى ئومۇمىي شەھەر-بازار ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 68 مىڭ 861 يۈەن، ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 5738 يۈەن بولغان.

  2019-يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 2019-يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنىڭ تۆۋەن چەك ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتا، بېكىتىلىگەن تۆۋەن چەك 3235 يۈەن بويىچە ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى بېكىتىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي شەھەر-بازار ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىدىن %300 يۇقىرى بولغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتا، بېكىتىلگەن يۇقىرى چەك 17 مىڭ 214 يۈەن بويىچە ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى بېكىتىلىدۇ.

  2019-يىلى، ئۈرۈمچى رايونىدىكى شەھەر-بازار ئورۇنلىرىدىكى كەسىپكارلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 71 مىڭ 408 يۈەن بولغان، 2020-يىلى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ھەق تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى ئېيىغا 5951 يۈەن بولغان.

  پېنسىيەگە چىقمىغانلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى %5، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى %4، كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى %0.5 بولىدۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىغا ھەر ئايدا 2.5 يۈەن تاپشۇرۇلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاساسىي سان تەڭشەلگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ھەر ئايدا تاپشۇرىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى سوممىسىدا ئۆزگىرىش بولغان. 7-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى يېڭى ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە شۇ ئايلىق ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى(كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تۇتۇپ قالغان.

  1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئاساسىي سان پەرقلىق سوممىسى 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ تۇتۇپ قېلىنىدۇ، يەككە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش بانكا كارتىسىغا داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇق قاچىلاپ، تۇتۇپ قېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا، تەمىناتتىن نورمال بەھرىمەن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، ھەر خىل كارخانىلار ۋە يەككە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولسا، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى