تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شەرقىي 2-ئايلانما يولىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرى گولف يولىدا قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى: شەرقىي 2-ئايلانما يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ گولف يولى(شەرقىي 2-ئايلانما يولى كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىدىكى يول بۆلىكى)دا قورشاپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلەكلىرى بىلەن ئەتراپتىكى يوللاردا قاتناشقا چەك قويۇش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش قارار قىلىندى، كونكرېت تەدبىرلەر تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، قۇرۇلۇش دائىرىسىنى قورشاش ۋاقتى

  2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە.

  ئىككىنچى، قۇرۇلۇش بۆلىكى ۋە قورشاش لايىھەسى

  گولف يولى(شەرقىي 2-ئايلانما يولى كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىدىكى يول بۆلىكى)دا تولۇق يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىپ، ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشى مەنئىي قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، جەمئىيەتتىكى ئاپتوموبىللارنى ئاساسلىق تارقاقلاشتۇرۇش لىنىيەسى

  ئەسلىدىكى گولف يولىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار ئارىشاڭ شەرقىي يولى، شىمىگۇ يولى، داشۆ يولى قاتارلىق يوللارنى تاللاپ، ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى

  2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى