تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ قاغىلىق: ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىلدى

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى شىيۈ مېۋە-كۆكتات ئېلېكتىرونلۇق سودا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتى ھويلىسىدا، ئىككى خىزمەتچى ياڭاقلارنى ئاپتاپقا سالماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈزدە، شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ياڭاقلار يىغىش پەسلىگە كىردى. قاغىلىق ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2020-يىلىغا قەدەر بۇ ناھىيەنىڭ ياڭاق تېرىلغۇ ئومۇمىي كۆلىمى 580 مىڭ موغا، مۆلچەرەن مەھسۇلات مىقدارى 130 مىڭ توننىغا يەتكەن. قاغىلىق ناھىيەسى شىنجاڭدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، ياڭاقچىلىق كەسپى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما كەي فوتوسى

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىدە، شۇ جايدىكى ئىككى دىكتور توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىپ، ياڭاق ۋە ياڭاقتىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ساتماقتا.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تېتىر يېزىسىدىكى بىر ياڭاقلىقتا، دېھقانلار يۇيۇپ بولغان ياڭاقلارنى ئاپتاپقا سالماقتا.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ مېيجيا يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، بىر خىزمەتچى يۇيۇلغان ياڭاقلارنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە تۆكمەكتە.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تېتىر يېزىسىدىكى بىر ياڭاقلىقتا، دېھقان تىراكتور ئارقىلىق دەرەختىكى ياڭاقنى قېقىپ چۈشۈرمەكتە.

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ گويې گۇرۇھى قاغىلىق ناھىيەلىك ياڭاق سودا مەركىزىدە، دېھقانلار سودىگەرلەرگە ئۆزىنىڭ ياڭاقلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى