تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشلا جاھاندىكى توغرا يول»

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، جېڭ مىڭدا، پەن جيې، چېڭ شىن

75 يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنە بىر تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى.

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا سىن شەكلىدە قاتنىشىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.

كىرىزىس ئىچىدە كەلگۈسىنى ئېنىق كۆرۈش، قويۇق تۇمان ئىچىدە يۆنىلىشنى كۆرسىتىش. دۇنيا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇنبىرىدىكى جۇڭگو ئاۋازىنى كۈتمەكتە.

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كەچتە، رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشقاندا جۇڭگو تەشەببۇسىنى جاكارلىدى −

«بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋەدىسىنى تەكىتلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللايمىز. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق قوللايدۇ».

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ بايرىقى» «كۆپ تەرەپچىللىك ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇقەررەر يول» «ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، كەسكىن بولغانسېرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە رولىنى شۇنچە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك»... رەئىس شى جىنپىڭ چىقارغان بۇ ھۆكۈملەر جۇڭگونىڭ قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى.

«كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ ئەڭ ئاساسىي داۋلىسى خەلقئارادىكى ئىشلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەر كېڭىشىپ بېجىرىش، كۆپچىلىك قوشۇلغان قائىدە بويىچە بېجىرىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى رەئىس شى جىنپىڭ.

«جۇڭگونىڭ قوللىشى كۆپ تەرەپچىللىككە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيادا، جۇڭگو قەتئىي تۈردە كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، دۇنياغا ئېنىقلىق، ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى.

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچ، بېيجىڭ، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا سىن شەكلىدە رىياسەتچىلىك قىلدى. «ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال» دەپ كۆرسەتتى رەئىس شى جىنپىڭ.

9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، بىرنەچچە ئاي كېڭىشىش ئارقىلىق، 74 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا 169 ئاۋاز قوللاش، ئىككى ئاۋاز قارشى تۇرۇشتەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن، «خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

قاراردا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا «ئاچقۇچلۇق رەھبەرلىك رولى»نى ئوينايدىغانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئۇللۇق رول»نى سىستېمىلىق جارى قىلدۇرىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم بېكىتىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى يەنە بىر قېتىم شەرھلەندى، بۇمۇ ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ دەۋر ساداسى ئىدى −

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىر خىل ئالاھىدە شەكىل بىلەن كىشىلەرنى شۇنداق ئاگاھلاندۇردىكى، ئىنسانلار باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئېغىر، زور كىرىزىس ئالدىدا ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىلا ئويلاپ باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشلا جاھاندىكى توغرا يول».

تارىخنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە، ھامان بەزى ئاچقۇچلۇق تۈگۈنلەر بولىدۇ، قايتا - قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

2015 - يىلى 9 - ئاي، نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابى.

ئىنسانلارنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەشەببۇس قىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

2017 - يىلى 1 - ئاي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ۋەنگو سارىيى.

«دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز» دېگەن دەۋر سوئالىنى ئانالىز قىلغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى − ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك سەھنىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىپ، گاڭگىراپ قالغان ۋە ھالىدىن كەتكەن دۇنياغا يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

تارىخ كەلگۈسىدىن بېشارەت بەردى −

1971 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، 26 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى قارار ماقۇللاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەھنىسىدە كۈنسېرى مۇھىم رول ئويناشقا باشلىدى.

دەۋر ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە −

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىدىن ئىبارەت تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياغا مۇنداق ئۇقتۇردى: «تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش كېرەك».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.