تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمگەكچىلەرنى قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە كاپالەتلىك قىلغانلىق

ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى −

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمگەكچىلەرنى قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە كاپالەتلىك قىلغانلىق

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇقرالارنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدىيەسى ۋە نىشانى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قەدىر - قىممەت بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ كەڭ دائىرىدە ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە كاپالەتلىك قىلغانلىق بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك گۈزەل ئارزۇسىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

شىنجاڭ قانۇن بويىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىش ھەققى ئېلىش، ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلدى. «بۇ يەرلىك نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەمگەك ئىش ھەققى زىددىيىتى، جەمئىيەت زىددىيىتىنى مۇرەسسە قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتى قانۇنچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ شىنپىڭ.

«ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پاكىتلىرى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك مۇناسىۋىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چېڭ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئەمگەك كاپالىتىنى رېۋىزىيە قىلىش ۋە ئەمگەك تالاش - تارتىشلىرىنى مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك تالاش - تارتىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك توختامى، خىزمەت ۋاقتى، ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش، مائاش بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ۋە قېلىپلاشتۇرىدىغان مۇھىم يول.» ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جۇ لىلى مۇنداق بىلدۈردى: باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى زورايتىپ، ئەمگەك تالاش - تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

«ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا توسالغۇ بولىدىغان توسۇقلارنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئاياللارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قاتنىشىش ئىقتىدارى ۋە تۆھپە نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىشيا.

«شىنجاڭ ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى، ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې چېڭگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ پۇقرالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغداشتىن ئىبارەت قانۇنچىللىق پىرىنسىپى بويىچە، ئەمگەكچىلەرنىڭ مىللەت، رايون، جىنس، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كەمسىتىلمەسلىكىگە، شەھەر - يېزا، كەسىپ، سالاھىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

(مۇخبىر لى چۇنشيا، قاتناشقان مۇخبىرلار لياڭ لىخۇا، جاۋ جىيۈن، مېھرىگۈل غوپۇر)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى