تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مېڭىش

− شى جىنپىڭنىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ھەم ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې

خۇنەن تۇپرىقى قەلبىگە جاھاننىڭ غېمىنى پۈككەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، بىلىمىنى دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان، ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان روھىي ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈرۈپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان قەھرىمانلىق مەردانە ناخشىسىنى پۈتكەن.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاش مۇناسىۋىتى بىلەن خۇنەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىنقىلابىي تارىخنى قايتا ئەسلەپ، قىزىل مەدەنىيەتنى ھېس قىلدى ھەم چاڭشادا ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بولغان پىكرى ۋە تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى.

ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز پات ئارىدا «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملاپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، خەلققە چىڭ تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.

خەلقنى ئۇنتۇماسلىق

«بۈگۈن، مەن ئۇزۇن يول يۈرۈپ بېيجىڭدىن بۇ يەرگە يۇرتداشلارنى يوقلىغىلى، شۇنداقلا تەربىيە ئالغىلى كەلدىم».

خۇنەن ئۆلكىسى چېنجوۋ شەھىرى رۇچېڭ ناھىيەسى ۋېنمىڭ ياۋزۇ يېزىسىنىڭ شاجوۋ ياۋزۇ كەنتى لوشياۋشەن تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىگە جايلاشقان بىر ياۋزۇلار كەنتى.

1934 - يىلى 11 - ئايدا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلىپ بۇ يەردىن ئۆتكەندە، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ ئايال جەڭچىسى كەنت ئاھالىسى شۈ جيېشيۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان، مېڭىش ئالدىدا ئۆزلىرىدە بار بولغان بىرلا يوتقاننىڭ يېرىمىنى كېسىپ ئۇنىڭغا قالدۇرغان، شۇنداقلا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن تەسىرلىك ھېكايىنى قالدۇرغان.

2016 - يىلى 10 - ئايدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ھېكايىنى سۆزلىدى، «ئەينى چاغدا سۆزلەۋاتقاندىمۇ چوڭقۇر تەسىرلەنگەنىدىم».

يەنە بىر كۈز يامغۇرى ياغقان كۈن.

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەنگە كېلىپلا، بىۋاسىتە شاجوۋ ياۋزۇ كەنتىگە بېرىپ، ئالدى بىلەن «يېرىم يوتقان ئىللىقلىقى» مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىخانىنى كۆزدىن كەچۈردى.

قىزىل ئارمىيە ئايال جەڭچىلىرىنىڭ يوتقاننى كېسىپ كەنت ئاھالىسىگە سوۋغا قىلغان كۆرۈنۈش نامايان قىلىنغان ھەيكەل ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزاققىچە تۇردى. چۈشەندۈرگۈچى باش شۇجىغا ئەينى يىلى ئايرىلىدىغان چاغدا، قىزىل ئارمىيە ئايال جەڭچىلىرىنىڭ شۈ جيېشيۇغا ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندا يەنە ئۇنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر يېڭى يوتقان سوۋغا قىلىمىز، دېگەنلىكىنى ئېيتتى. لېكىن شۈ جيېشيۇ شۇ ساقلىغانچە نەچچە ئون يىل ساقلاپ، يەنە ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلاپ بولالمىدى...

«ئاخىرىدا قىزىل ئارمىيەنىڭ بۇ ئۈچ ئايال جەڭچىسىنىڭ ئىز - دېرىكى بولدىمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

چۈشەندۈرگۈچى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى «يېرىم يوتقان» ھېكايىسى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، دېڭ يىڭچاۋ، سەي چاڭ، كاڭ كېچىڭ قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلار پۈتۈن مەملىكەتتە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ ئايال جەڭچىسىنى ئىزدەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان، ئەپسۇس ئۇلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغان، دەپ تونۇشتۇردى.

كۆرگەزمە ئىشكاپىغا دېڭ يىڭچاۋ قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلار باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ شۈ جيېشيۇغا يەتكۈزۈپ بەرگەن بىر يېڭى يوتقان تىزىپ قويۇلغانىدى. يوتقان كەنتكە يەتكۈزۈلگەندە، شۈ جېيشيۇ موماينىڭ قازا قىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆردى.

«<يېرىم يوتقان> ھېكايىسى پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتىگە ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ خەلقنى كۆزلەش خىسلىتى نامايان قىلىنغان.» باش شۇجى چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «قىزىل ئارمىيەنىڭ يېمەك - ئىچمىكى، كىيىم - كېچىكى ئۆزىگە يېتىشمەيۋاتقان، ھايات - ماماتقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالدىمۇ، قەلبىدە يەنىلا پۇقرالارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ئويلىغان. ھەربىر ئىش - ھەرىكەتكە چىن ھېسسىيات سىڭگەن! بىزنىڭ ئارمىيەمىز خەلقنىڭ قوشۇنى، بىز كوممۇنىستلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ھېسسىياتى بىر يوتقاننى ئورتاق ئىشلىتىش ھېسسىياتىدۇر».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس شۈ جيېشيۇنىڭ نەۋرىسى جۇ شياۋخۇڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ يوقلىدى.

بۇ، يېپيېڭى ئۈچ قەۋەتلىك كىچىك ئىمارەت بولۇپ، ئىشىك بېشىغا «شاجوۋ يەرلىك قورۇمىلىرى ئاشخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغانىدى.

«باش شۇجى، بۇ بىرنەچچە يىلدا بىزنىڭ شاجوۋدىكى ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى.» باش شۇجىنى مېھمانخانىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، جۇ شياۋخۇڭ ئائىلىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى سۆزلەشكە باشلىدى:

ئۇ شاجوۋ مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يەرلىك قورۇمىلار ئاشخانىسىنى خوتۇنى باشقۇرۇۋېتىپتۇ، ھەر كۈنى ئىككى - ئۈچ جوزىلىق مېھمان كېلىدىكەن؛ ئۆزى ۋە قىزى مەنزىرە رايونىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ مۇقىم كىرىمى بار ئىكەن؛ ئائىلىسى يەنە ئۈچ مو يەردە مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈپتۇ... كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈۋېتىپتۇ!

«ئىلگىرى قىزىل ئارمىيە بىزگە يېرىم يوتقان بەرگەنىدى، ھازىر پارتىيە بىزگە بەختلىك كۈن ئاتا قىلدى.» ئاددىي سۆزلەر سەمىمىي يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

«سىلەرنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ ئايال جەڭچىسىنىڭ روھىمۇ خاتىرجەم بولىدىغان بولدى.» بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قاراپ، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «ئائىلەڭلەردىكى ئۆزگىرىش شۇنداق بىر داۋلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، كوممۇنىستلار باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ۋەدە بەرگەن ئىكەن چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو خەلقىنى قەد كۆتۈرگۈزۈپ ئازادلىققا ئېرىشتۈردۇق، ھاللىق سەۋىيەگە، بەخت يولىغا ماڭغۇزدۇق، بىز دېگىنىمىزنى قىلدۇق، چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ماڭىمىز، پارتىيەنىڭ قەسىمى ۋە ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز».

تۇيۇقسىز ياغقان يامغۇر ئەمدىلا توختىغانىدى، شاجوۋ كەنتىدە يېپيېڭى قاتار - قاتار دېھقان ئۆيلىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، يىراقتىكى يېشىل تاغلار بۇلۇتلۇق تۇمان بىلەن قاپلانغانىدى.

2018 - يىلى شاجوۋ ياۋزۇ كەنتى پۈتۈن گەۋدە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2019 - يىلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 13 مىڭ 840 يۈەنگە يەتتى. قىزىل ساياھەت، يېشىل تاغ - دەريالار، خاس كەسىپلەر بۇ جايدا خاتىرجەم ياشايدىغان بىر گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈردى.

قىزىل گېن يەنىلا سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقالدى.

ۋېنمىڭ ياۋزۇ يېزىلىق 1 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىق سىنىپىغا كىرگىنىمىزدە، بالىلار سىنىپ مۇدىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىزىل ئارمىيەنىڭ شياڭجياڭ دەرياسىدا قانلىق جەڭ قىلغانلىق ھېكايىسىنى قايتا ئەسلەۋاتقان ئىكەن. دوسكىغا «ئۇزۇن سەپەر ھېكايىسىنى سۆزلەپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولايلى» دەپ يېزىلغانىدى.

«ساۋاقداشلار، سىلەر ئۇزۇن سەپەرگە ئائىت يەنە قانداق ھېكايىلەرنى بىلىسىلەر، شى جىنپىڭ بوۋاڭلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولساڭلار بولامدۇ؟» ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشىغىلا، كىچىك قوللار بەس - بەستە كۆتۈرۈلدى.

«يېرىم يوتقان» «ئوتلاقتا كېچىدە يول يۈرۈش» «قىزىل ئارمىيە ئايىغى» «ئابىدە»...

«ئابىدە دېگەن قانداق ھېكايە؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«قىزىل ئارمىيە ھەربىي يۈرۈش قىلىش سەپىرىدە، جياڭجۈن بىر پېشقەدەم جەڭچىنىڭ توڭلاپ كەتكەنلىكىنى، پېشقەدەم جەڭچىنىڭ كىيىملىرىنىڭ يېلىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، جياڭجۈن ھەربىي لاۋازىمەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقىنى ئىزدەپ بېرىپ نېمىشقا ئۇنىڭغا پاختىلىق چاپان تارقاتمىغانلىقىنى سورىماقچى بولدى، بىر جەڭچى جياڭجۈنگە پېشقەدەم جەڭچىنىڭ دەل ھەربىي لاۋازىمەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. جياڭجۈن بۇنى ئاڭلاپ پېشقەدەم جەڭچىگە ھۆرمەت بىلەن ھەربىيچە سالام بەردى...» بىر ئوغۇل ساۋاقداش ئورنىدىن تۇرۇپ جاۋاب بەردى.

«ياخشى سۆزلىدىڭىز! ياخشى سۆزلىدىڭىز!» باش شۇجى ئارقا - ئارقىدىن ماختىدى.

بالىلارنىڭ سەبىي ھەم نۇرلۇق كۆزلىرىگە قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «قىزىل گېن سىلەرنىڭ جىسمىڭلاردا نامايان بوپتۇ. ئىنقىلاب ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ساۋاقداشلار ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەستە چىڭ ساقلاڭلار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا دائىر بىلىم ۋە ماھارەتنىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇڭلار. سىلەر ھازىر كىچىك كۆچەتلەر، كەلگۈسىدە ھامان بىر كۈنى ئۆسۈپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆككە تاقاشقان چوڭ دەرەخلىرىگە ئايلىنىسىلەر».

كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، بۇلۇتلار تارقىلىپ كۈن چىقىپ، شەپەق نۇرى چېچىلغانىدى، كۆكتە ھەسەن - ھۈسەن پەيدا بولغان بولۇپ، مەيدان ئۇزاتقىلى چىققان كىشىلەر توپى بىلەن لىق تولغانىدى.

باش شۇجى يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستلار ئۆزىنىڭ بىر يوتقىنى بولسا يېرىمىنى پۇقرالارغا كېسىپ بېرىدۇ، بۇ ھەرگىز شوئار ئەمەس، ئۆزىنى كۆرسەتكەنلىك ئەمەس، بىز مۇشۇنداق قىلدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قەسەمگە بىز ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ كەلدۇق. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، پۇقرالار كوممۇنىستىك پارتىيەنى ئۆزىنىڭ پارتىيەسى، پۇقرالارنىڭ پارتىيەسى دەپ قارايدۇ».

«كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۈزلۈكسىز تۈردە تەربىيەلىنىپ، تاۋلىنىپ، ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى بىلەن بىللە، 90 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، پۇقرالىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ خۇشال، تېخىمۇ بەختلىك قىلىمەن!»

خەلقتىن ئەقىل سوراش

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى خۇنەن سەپىرىنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، باش شۇجى بېيجىڭدا بىر قاتار سۆھبەت يىغىنلىرىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا كارخانىچىلار، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلاردىكى زاتلار، ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار قاتارلىقلاردىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى. بۇ قېتىم، ئۇ نەزەرىنى ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرىگە قاراتتى.

«خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشان تۈزۈپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، توغرا يولنى بويلاپ ئالغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك. توغرا يول نەدىن كېلىدۇ؟ ئامما ئارىسىدىن كېلىدۇ. بىز نەزەرىمىزنى تۆۋەنگە ئاغدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى خەلقتىن ئەقىل سوراش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك».

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭشادا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرى، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەر، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى، ئاشخانا - دۇكان ئىگىلىرى، قانۇن خىزمەتچىلىرى... 30 نەپەر ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى بىر يەرگە جەم بولدى، ئون ۋەكىل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆز قىلغان ھەربىر ۋەكىل بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

يىغىندا، ئاممىنىڭ ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالى باشتىن - ئاخىر باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇلتۇر 5 - ئايدا، چېڭبۇ مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن ياڭ شۇتىڭ 6 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىلىرىنى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىلغارلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، ياڭ شۇتىڭ باش شۇجىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

«يەنە بىر قېتىم يۈز كۆرۈشكىنىمىزدىن مەنمۇ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، سىزنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش روھىڭىزغا قايىل بولدۇم!» ياڭ شۇتىڭنىڭ مېيىپ كىشىلەر توپىغا ۋاكالىتەن قىلغان سۆزىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشتا، جەزمەن مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، مېيىپلەر ئىشلىرىغا چوقۇم داۋاملىق تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىز تىلغا ئالغان توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەسىلىسى بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ بەلگىسى، بىز يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك».

«95 - يىللاردا تۇغۇلغان» دېھقان ئىشلەمچى زوۋ بىن دېھقان ئىشلەمچىلەر توپىنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆي سېتىۋېلىش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە بەزى قىيىنچىلىقلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق كونا، قىيىن مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە تۈپتىن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى؛ يەككە يۈك تىرانسپورت شوپۇرى لۇڭ بىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونىدا دائىم ئاپتوموبىل ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماللارنىڭ ئوغرىلىنىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى... باش شۇجى ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى: «بىر مەزگىلنىڭ شۇ مەزگىلگە خاس مەسىلىسى بولىدۇ، بىر كىشىلەر توپىنىڭ شۇ كىشىلەر توپىغا خاس قىيىنچىلىقى بولىدۇ، بىز يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىشىمىز كېرەك».

ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارمۇ باش شۇجى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلار.

چاڭنىڭ شەھىرى تاشەن ياۋزۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى پەن جيۇرېن ئاساسىي قاتلام مائارىپىنىڭ بىرىنچى سېپىدە 30 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇ باش شۇجىغا چەت، يىراق مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان «كەمتۈكلۈك»لەرنى ئىنكاس قىلدى: بىرىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى يېتەرلىك ئەمەس، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشتات كەمچىللىكى مەۋجۇت؛ ئىككىنچىدىن، شارائىت جاپالىق، ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى ئېلىپ قالغىلى بولمايدۇ.

«سىز ئىنكاس قىلغان مەسىلە ناھايىتى ئەمەلىي ئىكەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن مەن رۇچېڭ ناھىيەسىدىكى ۋېنمىڭ ياۋزۇ يېزىلىق 1 - باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ كۆردۈم، مەكتەپتە ئوقۇتۇش بىناسى، ياتاق ۋە ئاشخانا بار ئىكەن، ئوزۇقلۇق چۈشلۈك تامىقى ھەقسىز ئىكەن، بالىلار ناھايىتى ئوچۇق - يورۇق ئىكەن، بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ، لېكىن مائارىپ بايلىقى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسى يەنە گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. <14 - بەش يىل> مەزگىلىدە بۇ مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىش، ياخشى تەتقىق قىلىش كېرەك».

يۇقۇم مەزگىلىدە، چاڭشا شەھىرىدىكى جياڭخەن يۈنيۈن ئاشخانىسىنىڭ ئىگىسى ليۇ چۈەن توردا تاماق بۇيرۇتۇش سۇپىسى ئارقىلىق شياۋلۇڭشيا، كاۋاپلىرى ئۈچۈن سېتىش يوللىرىنى ئاچتى، لېكىن يەنە نۇرغۇن مەسىلىگە دۇچ كەلدى: تاماق بۇيرۇتۇش سۇپىسىنىڭ ئىگىلىگەن ئۈلۈشى %20تىن ئاشاتتى، ئادەتتىكى ساپ پايدىسىمۇ 20 نەچچە پىرسەنت ئىدى؛ تېز يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ بېسىمى بەك ئېغىر بولۇپ، ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئارام ئالالمايتتى...

ليۇ چۈەننىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاشخانا ئېچىش ئاسان ئەمەس، مەيلى چوڭ لوبەن، كىچىك لوبەن بولسۇن، سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرى ئوخشاش بولىدۇ. تېز يەتكۈزۈش خادىمى بولۇشمۇ ئاسان ئەمەس، ئۇلارغا كۆپرەك قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئوبوروت سىستېمىسىنى پىلانلاش، ئورنىتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇش ... لۇڭخۇي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭخۇڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى چۆرىدەپ بىراقلا ئۈچ - تۆت تەكلىپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر - بىرلەپ ئىنكاس قايتۇردى: نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، تەرەققىي تاپالماسلىق مەسىلىسى ۋە ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈۋاتقان يېڭى نامراتلىق مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ ھەل قىلىش كېرەك؛ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دېھقانلارنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى ۋە پەن - تېخنىكا ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، زامانىۋى ساپاغا ئىگە دېھقانلارغا تايىنىش كېرەك، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قالمىساق بولمايدۇ؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە، يېزىلار يەنىلا مۇھىمنىڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ، پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، «1 - شۇجى» تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك ...

«خەلق ئاممىسى ئارىسىدا مول ئەقىل - پاراسەت ۋە چەكسىز ئىجادىي كۈچ بار. كۆپچىلىكنىڭ سۆزى جانلىق، ئەمەلىيەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن بولدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاقىدار تەرەپلەردىن كۆپچىلىك بەرگەن پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش

خۇنەن يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى بولۇپ، شالغۇت شال بۇ يەردىكى تەجرىبە ئېتىزلىرىدىن پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان؛ خۇنەن ياسىمىچىلىق چوڭ ئۆلكىسى بولۇپ، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ساھەسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، «رادىيو - تېلېۋىزىيەدىكى خۇنەن قوشۇنى» «نەشرىياتچىلىقتىكى خۇنەن قوشۇنى» ۋەكىللىكىدىكى مەدەنىيەت كەسپى مۇشۇ ساھەدىكى تەرەققىياتقا ئۇزاققىچە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇنەننىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا زور ئۈمىد باغلىدى.

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شاجوۋ كەنتىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ساياھىتى ئۈلگە بازىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلارنى يۆلەش كەسپى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

تاغ يامغۇرى ئەمدىلا توختىغان بولۇپ، شاخلاردىكى مىخوۋتاۋلار ئادەمنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. شۇ جايدىكى كادىرلار باش شۇجىغا كۆز ئالدىدىكى 240 مو مىخوۋتاۋ ئۆستۈرۈش باغچىسىغا يېقىن ئەتراپتىكى تۆت كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش، ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنى پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قاتناشقانلىقىنى، 327 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر يىلى ئائىلە بېشىغا 1500 يۈەندىن كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مىخوۋتاۋ ئۆستۈرۈش باغچىسىنىڭ ئۇدۇلى بىر پارچە كىچىك خۇاڭجياڭلىق ئىدى.

«بىزنىڭ رۇچېڭنىڭ كىچىك خۇاڭجياڭىنىڭ قادىقى ئاز، تەمى ياخشى بولۇپ، قورۇما قورۇشتىكى ياخشى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.» تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى جاڭ يوۋفا ئېتىزدىن بىرنەچچە تۈپ خۇاڭجياڭ مايسىسىنى يىلتىزى بىلەنلا يۇلۇپ سۇندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قولىغا ئېلىپ، تەپسىلىي كۆردى، خۇاڭجياڭ يوپۇرمىقى ياپيېشىل، يىلتىز غولى يۇمران، سېرىق ئىدى.

جاڭ يوۋفا باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: كىچىك خۇاڭجياڭنىڭ ھەر موسىدىن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. «ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 11 دېھقان ئائىلىسىنى مەبلەغ ۋە يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش شەكلىدە قوبۇل قىلدى، ئۇلار ھەر مو يەردىن 400 يۈەن ئوبوروت ھەققى ئالالايدۇ؛ ئادەتتە ئېتىزغا كېلىپ ئىشلىسە، يەنە ئىشلىگەن كۈنىگە قاراپ ئىش ھەققى ئالىدۇ. پۈتۈن يىل بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 8000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپى شەكلى ئارقىلىق كۆلەملىك ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش ھازىر بارغانسېرى ئومۇملاشتى. كېيىنكى قەدەمدە يەنە بازار بىلەن زىچ باغلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ياخشى نەرسىلەرنى ياخشى سېتىش يولىغا ئىگە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە دېھقانلارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك».

چېنجوۋدا يېزا ئىگىلىكىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە چاڭشادا جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى تەكشۈردى.

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى يامغۇرغا قارىماي، شەنخې ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق پاي چەكلىك شىركىتىگە كەلدى. قۇرۇلغىنىغا 21 يىل بولغان بۇ كارخانا، دىققىتىنى جابدۇق ياساش ئاساسىي كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارىتىپ، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە 200 خىلدىن ئارتۇق جابدۇق مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ئاچقان بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى بويىچە 50 كۈچلۈك قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى كارخانىسى ۋە دۇنيا بويىچە 20 كۈچلۈك قېزىش ماشىنىسى كارخانىسى قاتارىغا كىردى.

سېخ ئىچىدە ئالدىراش مەنزىرە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. سىم ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرۇبا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كىلاپان تۈرىدىكىلەرنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇشقىچە، موتورنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇشتىن رادىياتورنى قۇراشتۇرۇشقىچە، كابىنكىغا قۇراشتۇرۇپ سەپلەشتىن تۆۋەن لىنىيەدە تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكىچە، باش شۇجى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى بويلاپ مېڭىپ، ئارىلاپ كونكرېت تېخنىكا تەپسىلاتىنى سورىدى.

سىرتتىكى مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە رايونىدا، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى قېزىش ماشىنىلىرى، يۇقىرى بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىش سۇپىسى، كىران ماشىنىلىرى قاتارلىقلار تەرتىپ بويىچە تىزىلغانىدى. «بۇ ماشىنا ئاساسلىقى نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟» «باھاسى قانچە پۇل؟» «سېتىلىش يولى قانداقراق؟» باش شۇجى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى.

كۈز شامىلى، كۈز يامغۇرىدا تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلىدى.

«بۈگۈن ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى.» روھى كۆتۈرەڭگۈ كارخانا خىزمەتچىلىرىگە قاراپ، شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كارخاناڭلار يوقلۇقتىن بارلىققا كەپتۇ، كىچىكلىكتىن زورىيىپتۇ، نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋېتىپتۇ، سىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىڭلار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. يېڭىلىق يارىتىش كارخانا تىجارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم سۈپەت، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن داۋان ئېشىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشىمىزدە جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش».

«بۈگۈنكى دۇنيادا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشىمىز، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىنى جەزمەن ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشىمىز، ياسىمىچىلىقنىمۇ جەزمەن ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك».

يېڭىلىق يارىتىش خۇنەن جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قالتىس كۈچى بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپىگە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

گۈزەل ليۇياڭ دەرياسى ئەگرى - بۈگرى ئېقىپ، چاڭشا شەھەر رايونىغا بىر چوڭ «V» خېتىنى سىزىپ چىققانىدى. بۇ يەرگە زامانىۋى پۇراققا تولغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىسى − مالەنشەن سىنلىق مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلەر باغچىسى جايلاشقان.

مەۋقە «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش + مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش»قا قويۇلغاچقا، باغچە رايونى قۇرۇلۇپ ئۈچ يىل بولمايلا، مەدەنىيەت ئىجادىيەت كارخانىلىرى 3000دىن ئېشىپ كەتتى، بۇلتۇر ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 34 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

4K تېخنىكىسى قوللىنىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كونا كىنو «دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى»، خەۋەر پىروگراممىسىدا ئىشلىتىلگەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول ئىشارىسى بىلەن ئاڭلىتىش، ئابۇنىچىلارنى تېز سۈرئەتتە پىروگرامما ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان 5G ئاقىل رادىيو ئىستانسىسى... باغچە رايونىنىڭ مەسئۇلى باش شۇجىغا خاس مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى.

يىنخې كۇيۈ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە كىرگەندە، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھار ھىدىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.

«باش شۇجى، بۇ، شىبادۇڭ كەنتىنىڭ ئىچى قىزىل مىخوۋتاۋسى، ھازىر پۈتۈن توردا 100 مىڭ زاكاز ئالدىن سېتىلىپ بولدى، بۇنىڭ بىلەن ھەربىر باغۋەننىڭ كىرىمىنى 2000 يۈەندىن كۆپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ، يۈەنلۇڭپىڭ گۈرۈچى، شياڭشى سۈرلەنگەن گۆشى، يۈەن لۇڭپىڭ گۈرۈچى بىلەن شياڭشى سۈرلەنگەن گۆشىدە تاماق ئېتىلسە، چوكىنى ئالغان ھامان ئۈچ قاچا ئاشمۇ ئازلىق قىلىدۇ».

«گۈزەللىككە ئاتلىنىش» ناملىق توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش ئۆيىدە، مال تونۇشتۇرىدىغان دىكتورنىڭ قىزىقارلىق تونۇشتۇرۇشىدىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت كەسپى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ. ھازىر مەدەنىيەت بىلەن تېخنىكا چوڭقۇر بىرلىشىپ، مەدەنىيەت كەسپى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، كەسىپكارلارمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ، ھەم تېز تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ، شۇنداقلا بىر غايەت زور ئىختىساسلىقلار كۆلچىكى. <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاندا، بۇ كەسىپكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك».

باغچە رايونىدىن ئايرىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەدەنىيەت كەسپى ھەم ئىدېئولوگىيە خاسلىقىغا، ھەم بازار خاسلىقىغا ئىگە، لېكىن ئىدېئولوگىيە خاسلىقى ماھىيەتلىك خاسلىقتۇر. بايا تېمىڭلاردا <يۆنىلىشنى ئالتۇنغىمۇ تېگىشمەيمىز> دېگەن خەتنىڭ ئېسىلغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق بىر قائىدىنى چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. چوقۇم توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چاڭشادىكى مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە خۇنەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم يەر بەلگىسى بولغان خۇنەن داشۆنىڭ يۆلۇ بىلىم يۇرتىنى كۆزدىن كەچۈردى.

قىزغىنلىقى تولۇپ تاشقان ياش ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، باش شۇجى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: «<چۇ بەگلىكىدىن ئىختىساسلىقلار چىقىدۇ، بۇ يەردە ئىختىساسلىقلار ئەڭ گۈللەنگەن.> يېڭى دەۋر قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىدىغان دەۋر. كېلەر يىلى <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى، بىز پات ئارىدا <ئىككىنچى 100 يىل>نىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. ساۋاقداشلار چوقۇم دەۋرنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، گۈزەل ياشلىق باھارىڭلارنى قەدىرلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىڭلار ۋە كۈچۈڭلارنى بېغىشلاڭلار».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.