تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۇچا: توخۇ بېقىپ بېيىش يولىغا مېڭىش

بارات نىياز بىلەن ئايالى زۇبەيرەم مەمەتئىمىن باغدا توخۇلارنى باقماقتا. شىنخۇا تورى تارقاتتى  نىياز راخمان

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاقسۇنىڭ كۇچا شەھىرى ئىشخىلا بازىرىدىكى باغدا، بارات نىياز ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، نەچچە مىڭ يەرلىك توخۇ باغ ئىچىدە ئەركىن دانلاۋاتاتتى. بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن بارات نىياز شۇ جايدىكى داڭلىق باقمىچى بولۇپ، ئۇ ئايالى زۇبەيرەم مەمەتئىمىن بىلەن 2016-يىلىدىن باشلاپ توخۇ باقتى، ھازىر كۆلىمى 7000غا يەتتى. «بىز دەسلەپتە تېلېۋىزوردىن ئورمانلىقتا توخۇ باققاندا ياخشى كىرىم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆردۇق، شۇنىڭ بىلەن سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە توخۇ بېقىشقا باشلىدۇق» دېدى بارات نىياز. دەسلەپتە، بارات نىياز ئائىلىسى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. تېخنىكا بىلمەسلىك شۇنداقلا كىلىمات قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئەر-ئايال ئىككىيلەن دەسلەپكى يىلى زاكاس قىلىپ سېتىۋالغان مىڭ توخۇنىڭ ئۈچتىن بىرى بىر ئايغا بارمىغان ۋاقىتتا زىيانغا ئۇچرىدى. «شۇ چاغدا زىيانغا ئۇچرىغان بۇنچىلىك كۆپ چۈجىنى كۆرۈپ، ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتۇق، ھېلىمۇ ياخشى كەنت كادىرلىرى بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ بىزگە ياردەم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت ئەترىتى يەنە سېتىش يوللىرىنى تېپىپ ياردەم قىلغاچقا، بەلگىلىك زىياندىن ساقلىنىپ قالدۇق، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت.» دېدى زۇبەيرەم مەمەتئىمىن.

ئەمدىلىكتە، بېقىش تېخنىكسىنى ئىگىلىگەن ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ توخۇ بېقىپ بېيىشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى يىلى توخۇ بېقىپ 60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى. بۇ يىل ئۇلار باققان توخۇ سانىنى 7000غا يەتكۈزۈپ، بازارغا سېلىشقا باشلىدى، بۇ يىللىق كىرىمنى 200 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشنى مۆلچەرلىدى. «بۇ بىر قانچە يىلدا، مەن توخۇ، غاز بېقىش ئارقىلىق مۇقىم كىرىم قىلدىم، دوستۇم بىلەن بىللە پۇل تېپىش مەقسىتىدە، يەنە دوستۇم بىلەن ھەمكارلىشىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتىم، كېيىنكى قەدەمدە، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تۇخۇ بېقىشقا قىزىقىدىغان قوشنىلىرىمنىڭ بېيىشىغا ياردەم قىلىمەن» دېدى بارات نىياز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى