تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى «ئىللىشقا باشلىدى»، ئالتاينىڭ كۈزلۈك ساياھەتچىلىكى تېز جانلاندى

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان قۇم كەنتىدە، ساياھەتچىلەر بىر قەھۋەخانىدا ئاستا تۇرمۇش رىتىمىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھازىر شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك ساياھەت ئالتۇن پەسلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭنىڭ ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھالقىغان ساياھەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى، ئالتاي ۋىلايىتى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئىشىك بېلىتىنى ھەقسىز قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى ھەمدە كۆپ خىل «قاتناش + ساياھەت» ئېتىبار سىياسىتى ۋە مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تېز جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.(دىڭ لېي فوتوسى)

ساياھەتچىلەر ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.(9-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان)

ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونى دەرۋازىسى ئالدىدا، ساياھەتچىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەرتىپلىك كىرمەكتە.(9-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان)

ئالتاي ۋىلايىتى قاناس ئايرودرومىدا، ئەمدىلا ئايروپىلاندىن چۈشكەن يولۇچىلار سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.(9-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان)

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، قاناس مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان قۇم كەنتىدە، ساياھەتچىلەر مەنزىرە تاماشا سۇپىسىغا چىقىپ، گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان قۇم كەنتىدە ساياھەت قىلماقتا.

ساياھەتچىلەر ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.(9-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان)

ساياھەتچىلەر ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.(9-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى