تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدا 2020-يىللىق (كۈز پەسىللىك) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى باشلىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشاۋ خەۋەر قىلىدۇ): شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق (كۈز پەسىللىك) ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە (ھەرقايسى جايلار بېكىتىش ۋاقتىنى ئۆزى بېكىتىدۇ) ئېلىپ بېرىلىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تورى (www.jszg.edu.cn)غا چىقىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  9-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشمىغان جۇڭگو پۇقرالىرى، ھەمدە تۆۋەندىكى خالىغان بىر شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار بىردەك ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن: شىنجاڭ نوپۇسىدىكىلەر ياكى شىنجاڭنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدىكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلار؛ شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار (پەقەت مۇشۇ قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ)؛ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان قوراللىق ساقچىلار؛ شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئولتۇراقلاشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرى (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، جىنايەت خاتىرىسى بولمىغانلار تۇرۇشلۇق جايىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شىنجاڭدا سىفەن كەسپىدە ئوقۇۋاتقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرىگە مۇناسىپ سىفەن ئوقۇغۇچىلىرى سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىش ئوقۇش تارىخى ۋە باشقا شەرت، تەرتىپ تەلىپى ئىچكىرى رايونلاردىكى (چوڭ قۇرۇقلۇق) ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش.

  بېكىتىش شەرتىدە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاقى، ئوقۇش تارىخى، پۇتۇڭخۇاسى، سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە مۇناسىپ تەلەپ قويۇلدى، ئۇنىڭدىن باشقا، سىفەن مائارىپى تۈرىدىكى كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر مۇناسىپ قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ ئىلمى دەرسلىكى نەتىجىسى، مائارىپ پىراكتىكا نەتىجىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ غەيرىي سىفەن تۈرىدە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم ئاپتونوم رايوننىڭ «مائارىپ ئىلمى» «پىسخولوگىيە» بىرتۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇشى، ھەمدە ئىككى پەندىكى ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇشى (نەتىجىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىككى يىل) كېرەك؛ 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش «مائارىپ ئىلمى» «پىسخولوگىيە» ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش نەتىجىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پىراكتىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى توردا ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇناسىپ بېكىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بېكىتىش ئۇقتۇرۇشىنى ۋاقتىدا كۆرۈپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئەسكەرتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى