تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە 6726 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى، خەۋىرى): بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە 28 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (ئىسكىلاتى) قۇرۇلغان بولۇپ، يەنە 6726 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلىدۇ.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر دوستلۇق سودا سارىيىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، 2010-يىلى قۇرۇلغان بىر ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنىڭ يېنىغا، بۇ يىل يەنە بىر ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقىنى، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قۇراشتۇرۇپ بولۇنغانلىقىنى، ھازىر سىرتقى قىسمىنىڭ بېزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ، «دۆلەت بايرىمى»دىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

دوستلۇق سودا سارىيىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، خېرىدارلار ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىغا توختىتىپ قويغان ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ كېتىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرماقتا. بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنىڭ يېنىدا، يېڭىدىن بىر ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، «دۆلەت بايرىمى»دىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.

شىنجاڭ دوستلۇق (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى دوستلۇق سودا سارىيى مۈلۈك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ليۇ گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى 36 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ھەربىر گۇرۇپپىنىڭ ئېگىزلىكى يەتتە قەۋەت بولۇپ، بىرىنچى قەۋەت بىلەن يەتتىنچى قەۋەتنىڭ ھەربىرىدە بىردىن ئاپتوموبىل توختاتقىلى، ئوتتۇرىدىكى بەش قەۋەتتە يانمۇيان قىلىپ ئىككى ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدۇ، جەمئىي 12 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار.

«ئۈچ گۇرۇپپا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ھەممىسىگە كىرىش-چىقىش ئېغىزى تەسىس قىلىنغان بولغاچقا، ئاپتوموبىل توختىتىش، ئاپتوموبىل ھەيدەپ چىقىش ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى مىنۇتتىلا تاماملىنىدۇ، بۇ، ئىلگىرىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنىڭ سۈرئىتىدىن كۆپ تېز.» ليۇ گاڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئەسلىدىكىدىن كەڭ بولۇپ، SUVغا ئوخشاش گەۋدىسى كەڭ ئاپتوموبىلارنى توختىتىشقا ماس كېلىدىكەن.

قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى، 36 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (ئىسكىلاتى) تۈرىگە جەمئىي 47 تۈر ئىلتىماس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشان رايونىدا 10 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى (ئىسكىلاتى) قۇرۇلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە، بەشىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 930ى يېڭىدىن كۆپەيگەن؛ سايباغ رايونىدا 14ى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئالتىسىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 1281ى يېڭىدىن كۆپەيگەن؛ شىمىگۇ رايونىدا 10ى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھەممىسىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 2630ى يېڭىدىن كۆپەيگەن؛ مىدۇڭ رايونىدا بەشى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، تۆتىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 850ى يېڭىدىن كۆپەيگەن؛ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نىدا ئۈچى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھەممىسىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 1035ى يېڭىدىن كۆپەيگەن.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى