تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دۇ شياۋيىڭ: مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئازراقمۇ قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق

9-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 7دە، ئۈرۈمچى شياۋشىمىن سودا چەمبىرىكى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى يەنىلا قاراڭغۇ ئىدى، ئۇچىسىغا نۇر قايتۇرۇش جىلىتكىسى كىيىۋالغان دۇ شياۋيىڭ باشقا مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى بىلەن بىر كۈنلۈك تازىلاش خىزمىتىنى باشلاپ، شەھەرنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلدى.

57 ياشلىق دۇ شياۋيىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داشىياۋشىمىن تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شەھەر رايونىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ نازارەتچىسى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان، ئۇ 300دىن ئارتۇق مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ يول تازىلاش، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ كەلدى.

«دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بىز تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، كۆپچىلىككە تېخىمۇ پاكىز مۇھىت يارىتىپ بېرىمىز.» دۇ شياۋيىڭ مۇنداق دېدى: «پىيادىلەر يولى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى، ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئەخلەت ساندۇقى، ئەخلەت يۆتكەپ توشۇش بېكىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ئاممىۋى رايون ۋە تۈرلۈك مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەلىرى بىزنىڭ ھەر كۈنى نۇقتىلىق تازىلىق قىلىدىغان ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرىدىغان ئوبيېكتىمىز».

يۇقۇم مەزگىلىدە، تۇرمۇش ئەخلىتى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، دۇ شياۋيىڭ باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ھەر كۈنى دەل ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا باردى. ئۇ يول تازىلاش، ئەخلەت يىغىش، توشۇشتىن پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەش، قاراڭغۇ بۇلۇڭلارنى تازىلاشقىچە، پۈتۈن جەرياننى ئىز قوغلاپ، ئۇدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، يېرىم كېچىگىچە ئالدىراش ئىشلىگەندىن كېيىن ئاندىن ئارام ئالاتتى.

ۋەزىپە ئەڭ ئېغىر بولغان بىر كۈنى، دۇ شياۋيىڭ 15 كىلوگىرام دېزىنفېكسىيەلەش ئەسلىھەسىنى كۆتۈرۈپ، كۈنىگە يەتتە-سەككىز كىلومېتىر يول يۈردى، نەچچە يۈز كىلوگرام تۇرمۇش ئەخلىتىنى توشۇدى. مەھەللە ياكى ئولتۇراق رايون ئەخلەت پونكىتىدا ئەخلەت توشۇپ بولغاندىن كېيىن دائىم پارچە پۇرات قالدۇقلار بولىدۇ، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولىدا تازىلاپ، گۈرجەك، موچىن، سىم جامبىدىن تارتىپ، سۇ پۈركۈگۈچ، پەلەي ۋە دەسمال قاتارلىق سايمانلارغىچە ھەممىنى ئىشلىتەتتى.

بىر كۈنى، دۇ شياۋيىڭنىڭ ئادەمنىڭ قۇسقىسىنى كەلتۈرىدىغان سېسىق پۇراققا چىداپ، ئۇدا ئىككى سائەتتىن كۆپرەك قولدا تازىلىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، پىدائىيلار ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ۋىرۇس رەھىمسىز، ئېھتىيات قىلىڭ». «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە، مۇھىت ئاسراش C ئورۇن بولمىسىمۇ، لېكىن بوش ئورۇن بولسا بولمايدۇ» دۇ شياۋيىڭنىڭ قىزىقارلىق جاۋاب قايتۇرۇشى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، ھەر كۈنى ئىشقا چىقىپ ئەخلەتلەرنى تازىلاش، يىغىپ توشۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن باشقا، دۇ شياۋيىڭ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللىدىكى 160 نەچچە ئاھالىگە ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش، يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

بىر قېتىم، مەھەللىدىكى جۇ فامىلىلىك بىر بوۋاي دۇ شياۋيىڭ ئىشىك ئالدىغا ئاپىرىپ بەرگەن كۆكتات بولىقى باھاسىدىن گۇمانلىنىپ، كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىندى. دۇ شياۋيىڭ بۇنى قانداق چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بوۋاي يەنىلا جاھىللىق بىلەن ئۇنىڭدىن كۆپ پۇل ئالدى، دەپ قارىدى.

ئۇقۇشماسلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دۇ شياۋيىڭ بىرىنچى بولۇپ مەھەللە كادىرلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ، بوۋاينىڭ ئالدىدا كۆكتاتنى بىر-بىرلەپ كۆكتات دۇكىنى باھاسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئاخىرىدا كۆكتات بولىقىدىن كۆپ ھەق ئېلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. «كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ، ئارتۇقچە ئويلاپ قاپتىمەن.» بوۋاي ئالدىراشلىق بىلەن دۇ شياۋيىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى.

«ئاھالىلەر خىزمىتىنى ئىشلەش مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىنى ئىشلىگەنگە ئوخشاش، سەۋرچان، ئىنچىكە بولغاندىلا، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ، ھەممە يەر ئازادە، يورۇق بولىدۇ.» دۇ شياۋيىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئاددىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش ئاددىي ئىش ئەمەس، ھەر قېتىم كىشىلەرنىڭ پاكىز يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئۇ بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە بەدەل تۆلەشنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ گېزىتى)

«学习强国» سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى