تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ ئاقتۇ: قول كەشتىچىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسى سىلۇ جيايۈەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئەلانۇر غوپۇر (ئوڭدا) ۋە ئېرى نەزەر ئىدىش (سولدا) كەشتە بۇيۇملىرىنى كۆرسەتمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئەلانۇر غوپۇر ۋە ئېرى بىر قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئېچىپ، ئەتراپتىكى كۆچۈپ كەلگەن 20 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى سىلۇ جيايۈەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش-ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن 6000دىن ئارتۇق ئاھالە تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەت باشقا جايغا كۆچۈرۈپ داۋاملىق يۆلەش سالمىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا «كۆچەلەيدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ خەن فوتوسى

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسى سىلۇ جيايۈەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئەلانۇر غوپۇرنىڭ ئېرى نەزەر ئىدىش خىزمەتچىلەرنىڭ كەشتە بۇيۇملىرىنى تىكىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسى سىلۇ جيايۈەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، خىزمەتچى كەشتە بۇيۇمى تىكمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى